- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى يۇڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن مەكتەپكە يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچى بولىدۇ
2013.03.11 16:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. يېقىندا لى يۇڭنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئايرىلىپ، مەلۇم ئونۋېرستىتتا ئوقۇتقۇچى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تارقالغان ئىدى، تۆنۈگۈن مۇخبىرنىڭ جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: لى يۇڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئايرىلىپ، جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىدىكەن، ئۇنىڭ قوشۇمچە پىروفىسسور بولۇش ئويى يوق ئىكەن.
لى يوڭ جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەينى چاغدىكى رادىيو-تېلىۋېزىيە ئىنىستىتۇتى)نىڭ 1987-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا «بەخت 52»، (ئالاھىدە 6+1»، قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت نومۇرلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.
تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر يەنە شىئەندە بۇ يىللىق جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دېكتور-رىياسەتچىلىك كەسپىگە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېيىشىۋالغاندەكلا « بۇ يىل جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىشنى ئۈمىد قىلىمەن، لى يۇڭنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغۇم بار» دېيىشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە