باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى پات ئارىدا بارلىققا كېلىدۇ

2013.03.11 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 10-مارت تېلېگراممىسى : 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى 10-مارت 3-قېتىملىك كوللېكتىپ يىغىن ئۆتكۈزدى . يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ سايلاش ۋە قارار چىقىرىش چارىسى ماقۇللاندى .بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بارلىققا كېلىدۇ .

  كۈنتەرتىپ :

  سايلاش ۋە قارار قىلىش چارىسىغا ئاساسەن ، سايلاش ۋە قارار چىقىرىش ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكى ئۈچ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا ئېلىپ بېرىلىدۇ :

  14-مارت ، 4-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى ، باش كاتىپى سايلاپ چىقىلىدۇ ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى سايلاپ چىقىلىدۇ، دۆلەت رەئىسى ، مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى سايلاپ چىقىلىدۇ ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى سايلاپ چىقىلىدۇ .

  15-مارت ، 5-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلى نامزاتى بېكىتىلىدۇ ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ئەزالىرىنىڭ نامزاتى سايلاپ چىقىلىدۇ ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سايلاپ چىقىلىدۇ .

  16-مارت ، 6-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ، دۆلەت كومىسسارى ، ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى ، ھەرقايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى ، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى ، باش مۇپەتتىشى ، باش كاتىپى سايلاپ چىقىلىدۇ .

  نامزاتلىققا كۆرسىتىش:

  سايلاش ۋە قارار قىلىش چارىسىغا ئاساسەن ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى ، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، باش كاتىپى ، ئەزالىرى ، دۆلەت رەئىسى ، مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنىڭ نامزاتلىرى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىشى بىلەن ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، يەنە ھەيئەت رىياسىتى كۆپ سانلىق ۋەكىللەرنىڭ پىكرى بويىچە رەسمىي نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى بېكىتىدۇ .

  ئۇنىڭ ئىچىدە ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى ، باش كاتىپى ، ئەزالىرى چوقۇم ۋەكىللەردىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلىدۇ .

  گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسىنى دۆلەت رەئىسى نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى ، دۆلەت كومىسسارى، ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى ، ھەرقايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى ، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى ، باش مۇپەتتىشى ، باش كاتىپىنىڭ نامزاتلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى كۆرسىتىدۇ . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ئەزالىرىنىڭ نامزاتلىرىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى كۆرسىتىدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە