باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ۋەكىللەر، ئەزالار ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىغا قاراپ چىقتى(1)

2013.03.11 16:24        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى چۆرىدەپ، ئەستايىدىل قاراپ چىقتى ۋە مۇزاكىرە قىلدى. ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: بەش يىلدىن بۇيان ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، جىنايى قىلمىشلارنى جازالاپ، ئومۇملۇقنى زىچ چۆرىدەپ خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ۋۇ جۇڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى بەي شياڭچېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىز ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش ياساش باسقۇچى، زىددىيەتلەر روشەن مەزگىلدە تۇرماقتا، ئەدلىيە خىزمىتىدە ۋەزىپە ئىنتايىن ئېغىر، مەسئۇلىيەت ئىنتايىن زور. ئۆتكەن بەش يىلدا سوت، تەپتىش مەھكىمىلىرى سىستېمىسى بىر قاتار ئۈنۈملۈك ئىسلاھات ئېلىپ باردى، مەيلى سوتلاش خىزمىتىدە بولسۇن، ياكى شىكايەت ئۈستىدىن نازارەت قىلىش خىزمىتىدە بولسۇن، زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى.

  جياڭسۇدا ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى 12309 تەپتىش خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش قىزىق لىنىيەسى، تەپتىش تورى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، 24 سائەت ئاممىنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلدى. جياڭسۇنىڭ ئۇسۇلى مەملىكەت بويىچە تەپتىش سىستېمىسىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ كارتىنىسى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە