باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>جۇڭگو ئارزۇسى

ئاينۇرەمنىڭ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››

نۇرئەخمەت نۇرامبەگ

2013.10.08 15:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غۇلجا شەھەر سايبويى كوچا باشقارمىسىنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە مەسئۇل كادىرى ئاينۇرەمنىڭ ئاياللارنى بىرەر كەسىپنىڭ پېشىنى تۇتىدىغان، مەدەنىيەتلىك، قانۇنغا رېئايە قىلىدىغان، ئائىلىسىنى، ۋەتىنىنى سۆيىدىغان يېڭى دەۋر ئاياللىرىدىن بولۇشقا تىرىشىشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› بار.

  ئاينۇرەم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كۆپ مىللەتلىك جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىنىڭ ئاساسى. ئاياللار ساغلام كىشىلىك قاراش، قىممەت قارىشى ۋە دۇنيا قاراشقا ئىگە بولسا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ.

  ئاينۇرەم ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئاياللار خىزمىتىنى ئىشلىگەن .ئۇ ئۆز ئارزۇسىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىپ، ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، ئۇلارغا بولغان ئىدىيەۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. ئۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ مەلۇماتى تۆۋەن، بىرەر ئىش قىلىشتا دەسمايىسى بولمىغان ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. دەسمايىسى، بىرەر ئىش قىلىش ئارزۇسى بار ئاياللارنى تىجارەت قىلىشقا يېتەكلىدى. دەسمايىسى يوق، بىرەر ئىش قىلىشنى خالىمايدىغان ئاياللارغا كۆپ قېتىم خىزمەت ئىشلىدى، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇشنىڭ پايدىسىنى سۆزلەپ، ئۇلارنى ئائىلىدىن چىقىپ ئىش قىلىشقا يېتەكلىدى. ھال-ئەھۋال ئېيتىپ كەلگەن ئاياللارنىڭ مەسىلىسىنى ئاساسىي قاتلامدىلا ھەل قىلدى، خىزمەتداشلىرى، تەۋەسىدىكى ئورۇنلار، دوستلىرىنى قىيىنچىلىقى بار، كېسەل بولۇپ قالغانلارغا ئىئانە بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى.

  ‹‹پىچان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىدە نۇرغۇن كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ئېغىر ئازابلارنى ئېلىپ كەلدى. ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قوراللىق قىسىم كوماندىر-جەڭچىلىرى ئىچىدە بەلكىم ئائىلەڭدىكىلەر، دوستلىرىڭلار بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلار بولمىغان بولسا، ئۇلار مۇنداق جاپا تارتمىغان بولاتتى.›› بۇ ئاينۇرەمنىڭ 7-ئاينىڭ 4-كۈنى غۇلجا شەھەر سايبويى كوچا باشقارمىسى شەرق مەھەللىدە سۆزلىگەن لېكسىيەنىڭ قىسمەن مەزمۇنى. ئاينۇرەم لېكسىيە سۆزلىگەندە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئاساسىي نۇقتا قىلىپ، ئولتۇرۇۋالماي پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئامما ئارىسىغا بېرىپ سۆزلەش، لېكسىيە ئاياغلاشقاندا سوئاللارغا توغرا جاۋاب بەرگەنلەرگە مۇكاپات بۇيۇمى بېرىش، ئاممىغا تەسىراتىنى سۆزلەتكۈزۈش قاتارلىق ئۆزگىچە ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ.

  ئاينۇرەم مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يەكۈنلىگەن تەجرىبەم، مۇشۇنداق ئۇسۇلدا سۆزلەنگەن لېكسىيە نەق مەيدان كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ، ئاڭلىغۇچىلارنى جەلپ قىلالايدۇ.

  شەرق مەھەللە ئاھالىسى مەمەتجان مۇنداق دېدى: ئاينۇرەم دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ھەر كىم ئۆز-ئۆزىنى قەدىرلەش قاتارلىق تېمىلاردا ناھايىتى ياخشى لېكسىيە سۆزلەيدۇ.

  ئاسىمە سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى خالىمىغانلىقتىن تۇرمۇشى بارغانچە ناچارلىشىشقا باشلىدى. ئاينۇرەم بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە كۆپ قېتىم باردى ھەمدە دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ 5000 يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز ھەل قىلىپ بەردى، ئاسىمە بۇ پۇل بىلەن بىر دۇكان ئېچىۋالدى. بۇ يىل 7-ئايدا ئاسىمە يەنە پىشۇرۇق دۇكىنى ئاچتى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەھەللىنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولدى.

  ئاينۇرەم مۇنداق دەيدۇ: خىزمىتىمنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەيمەن، مېنىڭچە بىر كىشىنىڭ كۈچى چەكلىك بولىدۇ، شۇڭا « ئۇزۇن چاچلىقلار» تەشۋىقاتچىلار ئەترىتى ۋە ‹‹ئەتلەس›› مودېل ئەترىتى تەشكىللىدىم. ‹‹ئۇزۇن چاچلىقلار›› ئەترىتى ئاممىغا دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىللە يەنە ئاياللارغا يېڭى دەۋر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكىنى تەشۋىق قىلىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە بۇ ئەترەتلەرنىڭ لېكسىيە سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاھالىلەرنى يېڭى دەۋر ئاياللىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر