باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۈن فېڭيۈەن: سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە قارىتا ئۇزاق مۇددەتلىك رېتسېپ سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمەن

2019.03.14 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، تيەنجىن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن فېڭيۈەن (خەلق تورى مۇخبىرى ياڭ دى فوتوسى)

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، تيەنجىن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن فېڭيۈەن يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ھازىر كىشىلەر دوختۇرخانىغا بارسا، دوختۇرلار ھەر قېتىمدا پەقەت 7 كۈندىن 14 كۈنگىچىلا يېتىدىغان دورا يېزىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل بىمارلىرىغا زور قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېببىي خادىملارنىڭ تەكرار ئەمگىكىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. شۇڭا، مەن شۇنداق تەكلىپ بېرىمەنكى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە قارىتا ئۇزاق مۇددەتلىك رېتسېپنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىمارلارنىڭ ھەمىشە دورا ئېلىش ئۈچۈن چاپىدىغان بىھۇدە يولىنى قىسقارتىش كېرەك.

  سۈن فېڭيۈەننىڭ مۇخبىرغا دېگەن سۆزلىرىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئېلىپ كەلگەن تەكلىپلىرى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنى داۋالاش رېتسېپىنى ئېچىش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇ يەنە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ساھەسىگە ۋە مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ تەكلىپلەرنى بەرگەن. ئۈچ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ۋە بۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گەرچە ئۇنىڭ رولى ۋە سالاھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن، سۈن فېڭيۈەننىڭ قىزغىنلىقىدا ئۆزگىرىش بولمىغان. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ كەسپىدىن ۋە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، بەزى ئەمەلىي مەسىلىلەرگە قارىتا چارە-تەدبىرلەرنى كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر