باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى

مەمۇرىي نىزام ۋە قائىدە قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تۈزۈش جەريانىدا، كارخانا ۋە ھەر ساھەدىكى جەمئىيەتلەر، ھەمدە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلارنىڭ پىكىرلىرىنى تولۇق ئاڭلاش كېرەك

2019.03.14 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەمۇرىي نىزام ۋە قائىدىلەر، ھەمدە مەمۇرىي قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى تۈزۈش جەريانىدا، كارخانا ۋە ھەر ساھەدىكى جەمئىيەتلەر، ھەم شۇنداقلا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلارنىڭ پىكىرلىرىنى تولۇق ئاڭلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ۋە «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»تەك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا ۋە ھەر ساھەدىكى جەمئىيەتلەر ھەمدە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلارنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىكى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقى قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قانۇنلاشتۇرۇش، خەلقئارالىشىش ۋە قولايلاشتۇرۇشتەك سودا مۇھىتلىرىنى يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مەمۇرىي نىزام ۋە قائىدىلەرنى ھەمدە مەمۇرىي قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى تۈزۈش جەريانىدا، كارخانىلار،ھەر ساھەدىكى جەمئىيەتلەر ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلارنىڭ پىكىرلىرىنى تولۇق ئاڭلاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر