باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى يېپىلدى

2019.03.14 15:42   مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى يېپىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلار تولۇق تاماملانغاندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، ھەر قايسى قاتناشقۇچى ئورۇنلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەقىل-پاراسەتلىرى ۋە كۈچلىرىنى مۇجەسسەملەپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ھەمدە ئېلىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىيەتلىك، ئىناق ۋە گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، يېڭى ۋە تېخىمۇ چوڭ تۆھپىلەرنى قوشۇشقا چاقىردى.

  يىغىنغا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  يىغىندا، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ 2-يىغىنىنىڭ بىر قاتار قارارلىرى، يەنى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئۈستىدىكى قارار، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ تەكلىپلىرىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى قاتارلىقلار ماقۇللاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر