باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش بويىچە ھەيدەكچىلىك قىلغان ئون ئۆلكە، شەھەر تۈزىتىشنى تاماملىدى

2019.02.01 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 31-يانۋار مەملىكەتلىك مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەركەز مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە تۇنجى نۆۋەت ھەيدەكچىلىك قىلغان ئون ئۆلكە، شەھەر تۈزىتىشنى تاماملىغان. تۈزىتىش مەزگىلىدە، ئون ئۆلكە، شەھەر قارا گۇرۇھقا چېتىشلىق جىنايەت گۇرۇھىدىن 100نى بىتچىت قىلغان، رەزىل كۈچ جىنايەت گۇرۇھىدىن 1129نى ۋەيران قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق 4 مىليارد 943 مىليون يۈەن مۈلۈكنى پېچەتلىگەن، توڭلىتىپ قويغان، تۇتۇپ قالغان، قارا، رەزىل چىرىكلىك ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە چېتىشلىق 2896 مەسىلىدىكى 3021 كىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، ئىجتىمائىي ئامانلىق مۇھىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، ئىجتىمائىي كەيپىيات كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، رازى بولۇش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

  2018-يىلى 7-ئايدىن 9-ئايغىچە، مەركەز مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش ئون ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا خېبېي، سەنشى، لياۋنىڭ، فۇجيەن، شەندۇڭ، خېنەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ، سىچۈەن قاتارلىق ئون ئۆلكە، شەھەردە ئورۇنلىشىپ مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى خىزمىتىگە بىر ئاي ھەيدەكچىلىك قىلدى. ھەر قايسى ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسى ھەيدەكچىلىك قىلغان ئون ئۆلكىلىك، شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش تۈزىتىش پىكرىنى قايتما ئىنكاس قىلىپ، مەسىلىنى تۈزىتىش تەكلىپىدىن 161 تۈر بويىچە 811نى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تەكلىپىدىن 181نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش يىپ ئۇچىدىن 6313نى ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئون ئۆلكە، شەھەر مەركەز مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئون ئۆلكە، شەھەر تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنىڭ دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ، مەركەز ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسى ھەيدەكچىلىك قىلغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە قايتما ئىنكاس قىلغان كونكرېت مەسىلىلەر ئاساسىي جەھەتتىن تۈزىتىلدى.

  2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، مەملىكەتلىك مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تۇنجى نۆۋەت ھەيدەكچىلىك قىلغان ئۆلكە(شەھەر)لەرنىڭ تۈزىتىش ئەھۋالىنى «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ھەيدەكچىلىك قىلغان ئۆلكە(شەھەر)لەرنىڭ مەسىلىنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مەسىلىنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر