باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ھازىرلىق كۆرۈشتىكى تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىندى

2018.10.22 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ياشانغانلار ئىلمى ۋە مېدىتسىنا ئىلىمى 2018- يىللىق ئىلىم-پەن يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە: ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈشتىكى تەتقىقات دوكلاتى يېقىندا رەسمىي ئېلان قىلىنغان. دوكلات ئاساسلىقى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشنى تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن تېما تەتقىقات ئۆمىكى تەرىپىدىن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىكغان.

  دوكلاتتا، ياشانغانلار جەمئىيىتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بەش خىل ئاساسىي ئالاھىدىلىكى تەھلىل قىلىنغان: ئۇلار بولسا، كۆلىمى غايەت زور بولۇش، سۈرئىتى بەك تېز بولۇش، قېرىلىشىش كۆرۈنەرلىك بولۇش، تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق ۋە داۋالغۇش خاراكتېرلىكى چوڭ بولۇش دېگەنلەردىن ئىبارەت. ئۇ دوكلاتتا يەنە ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىدىن كېلىپ چىققان تۆۋەندىكىدەك بەش چوڭ تەرەققىيات پۇرسىتىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇغان: ئۇلار بولسا، يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەرەققىيات پۇرسىتى، ماس تەرەققىيات پۇرسىتى، يېشىل تەرەققىيات پۇرسىتى، ئېچىۋېتىش تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە ئورتاق بەھرىلىنىش تەرەققىيات پۇرسىتى دېگەنلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈشتىكى يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنىڭ پىكىر يولى، ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى قاتارلىقلارنى نەزەرىيەۋى مەدەت بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر