- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتىنىڭ باش لىدىرى گاۋ XX قاتارلىق 18 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاشقا سۇندى
2018.07.30 16:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن بۇيان، چاڭچۈن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى پاش قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چاڭچۈن چاڭشىڭ جانلىقلار پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان ئادەمگە ئىشلىتىدىغان غالجىرلىق كىسىلى ۋاكسىنىسىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق جىنايەت پاكىتلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقتى.
7-ئاينىڭ 29-كۈنى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 79-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، چاڭچۈن يېڭى رايونى جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى ناچار دورا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى بىلەن چاڭچۈن چاڭشېڭ جانلىقلار پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى گاۋ XX قاتارلىق 18 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەپتىش ئورگىنىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇندى.
نۆۋەتتە، دېلوغا قاراپ چىقىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر