باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى يول تورى مەركىزى: تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا يەنىلا يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنىدۇ

2018.06.13 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى يول تورى مەركىزى (قىسقارتىلىپ "يول تورى مەركىزى" دېيىلىدۇ) 2018- يىللىق تاڭزۇڭزا بايرىمى مەزگىلىدىكى يول يۈرۈش ھەققىگە ئائىت ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدا يەنە كىشىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى بايرام مەزگىلىدە سەپەرگە چىقىشىغا ئائىت مەملىكەتلىك تاشيول تورلىرى ئەھۋالىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش دوكلاتىنىمۇ ئېلان قىلغان. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىلىشىچە، 2018- يىلى تاڭزۇڭزا چاغىنىلىق قىسقا دەم ئېلىش ئۈچۈن 16- ئىيۇندىن 18- ئىيۇنغىچە ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدىكەن. بۇ ئۈچ كۈنلۈك بايرام مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا يەنىلا نورمال ھەق ئېلىنىدىكەن. قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى يول تورى مەركىزىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە تاشيول تورلىرىدىكى ئومۇمىي يول ئەھۋالى خېلى ياخشى بولىدىكەن.

  يول تورى مەركىزىنىڭ مۆلچەرلىنىشىچە، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدىكى ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىشنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى 16- ئىيۇن كۈنى كىشىلەرنىڭ يولغا چىقىشىدىكى يۇقىرى دولقۇن كۈنى بولىدىكەن، يەنى شۇ كۈنى سائەت 9دىن سائەت 12غىچە بولغان ئارىلىق يولغا چىقىشتىكى بېسىق مەزگىل بولىدىكەن؛ بولۇپمۇ سائەت 10دىن سائەت 11غىچە قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قىستاڭچىلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، شۇ كۈنكى پۈتۈن كۈنلۈك قاتناش قىستاڭچىلىقىنىڭ كېچىكتۈرمە كۆرسەتكۈچى باشقا كۈندىكىگە قارىغاندا %1 ئۆرلەيدىكەن؛ دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى مەركەزلىك ھالدا قايتىشنىڭ تەسىرىدە، شۇ كۈنى، يەنى 18- ئىيۇن كۈنى سائەت 15دىن سائەت 21گىچە قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قايتىشىنىڭ قىستاڭچىلىقى يۇقىرى پەللىگە چىقىدىكەن، بولۇپمۇ سائەت 16دىن سائەت 17گىچە بولغان ئارىلىقتا قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قىستاڭچىلىق ئەھۋالىدا چوققا قىممىتى پەيدا بولىدىكەن. يەنە مۆلچەرلىنىشىچە، شۇ كۈنكى پۈتۈن كۈنلۈك قاتناش قىستاڭچىلىقىنىڭ كېچىكىش كۆرسەتكۈچى باشقا كۈنىدىكىدىن %0.5 ئۆرلەيدىكەن.

  يول تورى مەركىزىنىڭ مۆلچەرلىشىگە قارىغاندا، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە، بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەر، ساياھەت مەنزىللىرى قىلىنغان ئۆلكىلەر ۋە ئۆلكە مەركىزىنىڭ شەھەر ئەتراپلىرى دېگەندەك جايلاردىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا قاتناش قىستاڭچىلىقى ئاسان يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر