باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى

2018.04.19 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى، باھالاش-تەكشۈرۈش، تەقدىرلەش-مۇكاپاتلاش، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە قارىتا ئېنىق، كونكرېت بەلگىلىمە چىقاردى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى تۇنجى پارتىيە ئىچكى نىزامى، شۇنداقلا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى، تۈزۈملەشتۈرۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  بەلگىلىمىدە يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ بەش تۈرلۈك ئوخشىمىغان مەسئۇلىيىتى، جۈملىدىن يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ ئۆز رايونىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى ئىكەنلىكى، بەنزىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ ئۆز باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە قارىتا رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بارلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بەلگىلىمىدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى پىرىنسىپ جەھەتتىن تەڭ دەرىجىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان يولداشنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى تەلەپ قىلىندى.

  يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى بەش خىل شەكىلدە باھالاپ تەكشۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى باھالاش، كادىرلارنى ئىشقا قويۇش، مۇكاپاتلاش، جازالاشنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش قوللانمىسى قىلىنىدۇ. بىرىنچى، پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ ۋە تەكشۈرۈلىدۇ؛ ئىككىنچى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ ئۈچىنچى، كادىرلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ؛ تۆتىنچى، يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنى يىللىق باھالاش، نىشان – مەسئۇلىيىتىنى باھالاش، نەتىجە – ئۈنۈمنى باھالاش ھەم باشقا باھالاشلارغا كىرگۈزۈلىدۇ؛ بەشىنچى، پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى تەيىنلىنىدىغان نامزاتلارنى تەكشۈرگەندە، تەيىنلىنىدىغان كىشىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ. باھالاش نەتىجىسى قەرەللىك ھالدا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئېلان قىلىنىدۇ ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر