باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈمنىڭ سابىق مۇدىرى لۇ ئېنگۇاڭنىڭ پارا بېرىش، ئورۇنغا پارا بېرىش دېلوسىغا 1- سوت ئېچىلدى

2018.04.19 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-ئاپرىل، خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈمنىڭ سابىق مۇدىرى لۇ ئېنگۇاڭنىڭ پارا بېرىش، ئورۇنغا پارا بېرىش دېلوسىنى قاراپ چىقتى. ئەنياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم قاتناشتۇرۇپ ئەيىبلەشنى قوللىدى، جاۋابكار لۇ ئېنگۇاڭ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتقا قاتناشتى.

  ئەنياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: 1992- يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، جاۋابكار لۇ ئېنگۇاڭ ئالاقىدار دۆلەت خادىملىرىدىن ئۆزىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پارتىيەگە كىرىش، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى، شەرەپ نامىنى قولغا كەلتۈرۈش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت يۆتكەش ئىشلىرىدا ياردەم بېرىشنى ھاۋالە قىلغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم ئۇنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ئۇنىڭغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن خادىملارغا جەمئىي 12 مىليون 78 مىڭ يۈەن پارا بەرگەن. 1996-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، جاۋابكار لۇ ئېنگۇاڭ ئالاقىدار دۆلەت خادىملىرىغا، ئۆزى ئەمەلىي كونترول قىلغان شەندۇڭ ئۆلكىسى ياڭگۇ ناھىيەلىك ئىلمىي ئەسۋابلار زاۋۇتى، شەندۇڭ ياڭگۇ ئەينەك تېخنولوگىيە بۇيۇملىرى زاۋۇتى، شەندۇڭ ياڭگۇ گۇئېجىڭ ئېشەك يېلىمى زاۋۇتى، بېيجىڭ تيەنفاڭ ئاشخانا باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قەرز پۇل ئېلىش، مۈلۈكنى تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش، بىر قەدەر تۆۋەن باج سوممىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ۋەيران بولۇپ قەرزدىن قېچىش قاتارلىقلاردا ياردەم بېرىشنى ھاۋالە قىلغان، بىۋاسىتە ياكى كارخانا خىزمەتچىلىرىنى بۇيرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ئۇنىڭغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن خادىملارغا جەمئىي يەتتە مىليون 967 مىڭ 597 يۈەن پارا بەرگەن. شۇڭا پارا بېرىش جىنايىتى، ئورۇنغا پارا بېرىش جىنايىتى بىلەن لۇ ئېنگۇاڭنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش تەكلىپى بېرىلدى.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى چىقىرىپ، جاۋابكار لۇ ئېنگۇاڭ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى بىلەن يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاش ئېلىپ باردى، ئەيىبلىگۈچى- ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ تولۇق پىكىر بايان قىلدى، لۇ ئېنگۇاڭ ئەڭ ئاخىرىدا پىكىر بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ، توۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  لۇ ئېنگۇاڭنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە ھەر ساھەدىكى ئامما بولۇپ 60 نەچچە كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  ئاخىرىدا سوت سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر