باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى مىنىستىرلىق، كومىتېت قىسمەن مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش تۈرلىرىدە ھەق ئېلىشنى توختىتىش، كەچۈرۈم قىلىش ۋە تەڭشەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2018.04.19 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا «قىسمەن مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش تۈرلىرىدە ھەق ئېلىشنى توختىتىش، كەچۈرۈم قىلىش ۋە تەڭشەشكە ئالاقىدار سىياسەت توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، قىسمەن مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش تۈرلىرىدە ھەق ئېلىشنى توختاتتى، كەچۈرۈم قىلدى ۋە تەڭشىدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا 2018-يىلى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ تۇنجى قېتىم كىملىك ئىلتىماس قىلغاندىكى تەننەرخ ھەققى ئېلىشنى توختىتىش بەلگىلەندى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا 2018-يىلى 1-يانۋاردىن 2020-يىلى 31-دېكابىرغىچە ئاكسىيە زاكاز مال ساھەسىدىكى ئاپپاراتلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەققىنى ۋاقتىنچە كەچۈرۈم قىلىش بەلگىلەندى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا 2018-يىلى 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ پاتېنت ھەققى ئېلىش(دۆلەت ئىچىدىكى)تىكى پاتېنت تىزىملاش ھەققى، ئېلان بېسىش ھەققى، خاتىرىلەنگەن ئىشلارنى ئۆزگەرتىش ھەققى(پاتېنت ۋاكالەت ئورگىنى، ۋاكالەتچى ھاۋالە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى)، PCT(«پاتېنت ھەمكارلىق شەرتنامىسى») پاتېنت ئىلتىماسىغا ھەق ئېلىش(خەلقئارا باسقۇچتىكى قىسمى)تىكى يوللاش ھەققى ئېلىشنى توختىتىش؛ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ پاتېنت يىللىق ھەققىنى كېمەيتىپ تاپشۇرۇش مۇددىتىنى پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن يىلدىن باشلاپ ئەسلىدىكى ئالتە يىلدىن 10 يىلغا ئۇزارتىش؛ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەشپىيات پاتېنتى ئىلتىماسىنى تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈش پىكرى ئۇقتۇرۇشى جاۋاب بېرىش مۆھلىتى توشۇشتىن ئىلگىرى(جاۋاب بېرىش پىكرىنى تاپشۇرغانلاردىن سىرت) تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرۇۋالغانلارغا پاتېنت ئىلتىماسىنى ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش ھەققىنىڭ %50ىنى قايتۇرۇش بەلگىلەندى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا بۇ قېتىملىق ئالاقىدار سىياسەت بويىچە ھەق ئېلىش توختىتىلغان، كەچۈرۈم قىلىنغان ۋە تەڭشەلگەن ھەق ئېلىش تۈرلىرىدە ئېنىقلاپ قايتۇرۇلغان كىرىمنى مالىيە تارماقلىرى بەلگىلىگەن يول بويىچە مەركەز ۋە جايلارنىڭ دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر