باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈ ليۇفېن قاتارلىق 10 مۇنەۋۋەر ئايال مەملىكەت بويىچە« 8-مارت قىزىل بايراقدارى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى

2018.03.01 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «8-مارت» خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ھارپىسىدا، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يۈ ليۇفېن قاتارلىق 10 مۇنەۋۋەر ئايالغا مەملىكەت بويىچە «8-مارت قىزىل بايراقدارى» دەپ شەرەپلىك نام بېرىشنى قارار قىلدى.

  مەملىكەت بويىچە «8-مارت قىزىل بايراقدارى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن 10 مۇنەۋۋەر ئايال: پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى بېيىشقا يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئۈلگىسى، گۇيجۇ ئۆلكىسى ليۇپەنشۈي شەھىرىنىڭ پەنجۇ شەھىرى يۇنى يېزىسى يەنبو كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يۈ ليۇفېن؛ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئىرادە باغلاپ، تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا قاتناشقان، يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن مۇنبەردە چىڭ تۇرغان، راكېتا ئارمىيەسى قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتى 205 ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ شۆمېي؛ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئوزۇقلۇق نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇزۇن مۇددەت ئوزۇقلۇق ساغلاملىقى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق «ساغلام جۇڭگو»غا كۈچ قوشقان جۇڭگو جۇڭيى پەنلەر ئاكادېمىيەسى گۇاڭئەنمېن دوختۇرخانىسى يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى؛ پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلققە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ، چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلەپ، يېڭى تۇرمۇش ياراتقان، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئالشا ئەمىك ئېزنا خوشۇنىنىڭ سايخانتاۋ يېزىسى مېڭخىت كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئۇيۈنسۇيلا؛ خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، خالىس تۆھپە قوشقان، تۈمەنلىگەن ئادەم/قېتىم ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا قارىغان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش 1-سېپىنىڭ جەڭچىسى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى نەننىڭ شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسى ئەيدىز كېسەللىكى بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى دۇ لىچۈن؛ كۆپ خىل يۇقۇملۇق كېسەل ھايۋان مودۇلى ئۆتكەل جېڭىنى تاماملاپ، مېدىتسىنا سېلىشتۇرما تېببىي ئىلىمىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك نەزەرىيەۋى تۆھپە قوشقان جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تېببىي تەجرىبە ھايۋانات تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چىن چۇەن؛ مائارىپ ئىشلىرىنى مۇقەددەس بۇرچ دەپ بىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە 50 يىلدىن ئارتۇق قان تەرىنى سىڭدۈرۈپ، جۇڭگو مۇزىكا مائارىپى ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقان شاڭخەي مۇزىكا ئىنستىتۇتى ئوتتۇرا-كىچىك ئىسكىرىپكا ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يۈي لىنا؛ 23 يىلدىن بۇيان 800 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى بىخەتەر يۈرۈپ، ئاممىۋى ئاپتوبۇس ساھەسىدە «تەبەسسۇم پەرىشتىسى» دەپ ئاتالغان ئەنخۇي ئۆلكىسى بېڭبۇ شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ شوپۇرى ياڭ مياۋمياۋ؛ تولۇپ تاشقان قىزغىن ھېسسىياتى بىلەن «خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش» ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئايىغىغا دائىم توپا چاپلىشىپ تۇرىدىغان سىرداش سودىيە»دەپ نام ئالغان فۇجيەن ئۆلكىسى جاڭجۇ شەھىرى شىياڭچېڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى كوچا سوتىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جىلى؛ يۇقىرى كەپشەرلەش تېخنىكىسىنى ئىجتىھات بىلەن ئىگىلەپ، تېخنىكىسى تەڭتۇشلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، دادىللىق بىلەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان كەسىپ ئۈلگىسى، جۇڭگو تۆمۈر يول داليەن پاراۋۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پولات قۇرۇلما تارماق شىركىتىنىڭ ئالىي تېخنىكى يۈ جىڭ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر