باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ-شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

2018.03.01 16:28   مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭ-شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

  سۈرەتتە: ئىش باشلاش مۇراسىمى نەق مەيدانى (2-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى تۇنجى چوڭ قاتناش تۈرى بولغان بېيجىڭ-شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىدا رەسمىي ئىش باشلاندى. بېيجىڭ-شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولى بېيجىڭ-جيۇلوڭ تۆمۈريولىنىڭ لىيىڭ پونكىتىدىن باشلىنىپ، بېيجىڭ داشىڭ رايونى، بېيجىڭ يېڭى ئايرودورومى، باجۇ شەھىرىدىن ئۆتۈپ شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا تۇتۇشىدۇ، غول لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 92.4 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، جەمئىي بەش بېكەت تەسىس قىلىنغان، جەمئىي 33 مىليارد 530 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ شەھەر رايونىدىكى لىيىڭ بېكىتىدىن بېيجىڭ يېڭى ئايرودورومىغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومېتىر بولىدۇ، 2019- يىلى 9-ئايدا يېڭى ئايرودوروم بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىشلىتىلىدۇ؛ بېيجىڭ يېڭى ئايرودورومىدىن شيۇڭئەن يېڭى رايونىغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىر بولۇپ، شيۇڭئەن بېكىتى تۈگۈنىگە خەلقئارالىق خېرىدار چاقىرىپ باھالاش تاماملاندى، يېڭى ئايرودرۇمدىن شيۇڭئەنگىچە بولغان بۆلىكى 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2020-يىلىدىن بۇرۇن تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن…
    ·ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى
    ·بېيجىڭدا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئىگە بالىلار يەسلىلىرى كۆپەيتىلىدۇ
    ·كارخانىلارنىڭ كەسپىي مەكتەپ قۇرۇشى ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئاسپىرانت يېتەكچىسىنى «بىر چاتاق بىلەن…
    ·ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچلىرى ئالاھىدە تەربىيەلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
    ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنى ئومۇ…