باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقتى

2018.03.01 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 27- كۈنى، سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 - يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقتى. مۇخبىرىمىز لۇ مىنيى فوتوسى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، ھەمدە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى 2- ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقتى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى سۈپىتىدە يىغىنغا قاتنىشىدىغان بۇ نۆۋەتلىك 35 نەپەر ئەزا بولسا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر، ئىقتىسادىي ساھە، دىن ۋە مەدەنىيەت سەنئەت ساھەسى قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردىن تەشكىللەنگەنلەردۇر. يېڭىدىن تەيىنلەنگەن 26 نەپەر ئەزا ئىككى يېرىم كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىدۇ.

  سىياسىي كېڭەشنىڭ بۇ ئەزالىرى يولغا چىقىش ئالدىدا بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇڭا بىز شەرەپلىك ۋەزىپىلەرنى زىممىمىزگە ئالدۇق. بىز، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىمىز بىلەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك كۈنتەرتىپلىرى بويىچە، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پائال ھالدا چارە ۋە تەدبىرلەرنى كۆرسىتىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەدىكى يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەلا سۈپەتلىك ۋە ئىجادىي بولغان تەكلىپلەرنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ئاستىدا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلىمىز.

  خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈمىدى ۋە ئارزۇسىنى يىغىنغا ئېلىپ كېلىپ، دانىشمەنلەرچە سۆزلەرنى كۆپرەك سۆزلەپ، مۇۋاپىق ئەمەلىي تەكلىپلەرنى كۆپرەك بېرىپ، تەرەققىيات پىلانىنى كۆپرەك كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمىز.

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئۇ ئەزالارنى ئۇزىتىپ قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر