خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 27-كۈنى، «جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورتى ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمى» كونتېينېر پاراخوتى بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپېن پورتىدا ماللارنى چۈشۈرمەكتە. جۇڭگونىڭ تۇنجى مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە 20 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇق دەرىجىلىك يۈك پاراخوتى «جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورتى ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمى» 27- فېۋرال تۇنجى قېتىم بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپېن پورتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىدى. بۇ، جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ يىراق شەرقتىن غەربىي شىمالىي ياۋروپا نۆۋەتچى پاراخوت لىنىيەسىگە سالغان تۇنجى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كونتېينېر پاراخوتى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى