باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تۇنجى كۆك تاشلىق كىتابى ئېلان قىلىندى

2018.03.01 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئۆلچەش - سىزىش - جۇغراپىيە ئۇچۇرچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ئۆلچەش - سىزىش ئىلمىي تەتقىقات يۇرتى 28- چېسلا بېيجىڭدا «جۇڭگونىڭ جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تۇنجى كۆك تاشلىق كىتابى ( 2017 - يىللىق نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئېلىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ كۆك تاشلىق كىتاب شەكلىدە نەشىر قىلىنىشى دۆلىتىمىزدە تېخى تۇنجى قېتىم ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر كۆك تاشلىق كىتابتا، بايلىق، ئېكولوگىيە، ئاممىۋى مۇلازىمەت، رايونلار ئىقتىسادى ۋە شەھەر تەرەققىياتى قاتارلىق دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت زور تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئېلىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن ھاسىل قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ھەمدە ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا، ئېلىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىكى ئىلمىي ۋە ئىشەنچلىك بولغان ئىستاتىستىكىلىق تەھلىل ئۇسۇلى بېكىتىپ چىقىلىپ، شۇ ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالىنىڭ ئومۇمىي ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلگەن، ھەمدە شۇ ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ يەر يۈزى تەبىئىي بايلىق مەنبەسىنىڭ موللۇقى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالى، يەر يۈزى ئېكولوگىيە ئەندىزىسى، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ بوشلۇق تارقىلىش ئومۇمىي ئەھۋالى قاتارلىقلار جۇغراپىيەلىك نۇقتىدىن سىستېمىلىق ھالدا بايان قىلىنغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە رايونلار ئارا پەرقلەر سېلىشتۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا تەبىئىي ئامىللار بىلەن ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ باغلىنىش دەرىجىسى قاتارلىقلار ماكرولۇق ئۆلچەمدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر