باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى يەر شارىغا قايتىپ كەلدى

2018.03.01 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيەنىڭ «ئىتتىپاقداش MS-06» ناملىق ئالەم كېمىسى 28- چېسلا سەھەردە قازاقىستان چېگراسى ئىچىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى، بۇنىڭ بىلەن، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا بەش يېرىم ئاي خىزمەت قىلغان ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ يەر شارىغا بىخەتەر قايتىپ كەلدى.

  يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەن ئۈچ نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا رۇسىيە ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالېكساندر مىسۇلكىن ۋە ئىككى نەپەر ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسى مارك ۋاندېر، جوۋ ئاكابا. ئۇلار بۇ قېتىم خەلقئارا بوشلۇقى پونكىتىدا 168 كۈن تۇردى. شۇ مەزگىلدە، شۇ جايدا ھەر تۈرلۈك پەن تەتقىقات ۋە تەجرىبىلەرنى قىلدى، ھەمدە ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى قوغداش ۋە ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرنى ئورنىتىش خىزمىتىگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر