باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى قىرغۇچى-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى ۋە خاتىرە كونۋېرتىنى ئېلان قىلدى

2018.03.01 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى 28-فېۋرال بېيجىڭدا قىرغۇچى-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى ۋە خاتىرە كونۋېرتىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، ھەربىي تەلىم-تەربىيە، ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بۇرچ قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

  2017-يىلى 7-ئايدا، قىرغۇچى-16 ۋە قىرغۇچى-20 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان بىرلىكتە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتقا قاتناشتۇرۇلۇپ، جەڭگىۋار قىياپەت بىلەن كىشىلەر ئالدىدا نامايان قىلىندى. جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى ئېلان قىلغان «قىرغۇچى-16 ئۇچۇپ كەلدى، قىرغۇچى-20نىڭ ياخشى شېرىكى» ناملىق تەشۋىقات فىلىمى «مەن جۇڭگونى سۆيىمەن» ناملىق مۇزىكىنى ئارقا مۇزىكا قىلغان بولۇپ، قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان ئۇچۇش كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ھاۋا ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچى، ۋەزىپىسى، يېڭى دەۋردە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتەك قىممەت ئىستىكى ئىككى مىنۇت 18 سىكونتلۇق فىلىمگە يىغىنچاقلانغان. ئېلان قىلىنغان قىرغۇچى-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى خاتىرە كونۋېرتىنىڭ ياسىلىشى نەپىس بولۇپ، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋر مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئۇچقانلىقىدەك ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ھېكايىسى بايان قىلىنغان.

  قىرغۇچى-16 تىپلىق ئايروپىلان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېڭى تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلان بولۇپ، قىرغۇچى- 20 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى قاتارلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلار بىلەن بىرگە ئىشلىتىلىپ، ھاۋا، دېڭىز، قۇرۇقلۇقنى كونترول قىلىپ جەڭ قىلىشتەك قۇدرەتلىك ئىقتىدار گۇرۇپپىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇداپىئە قىلىپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىپ ئۆزگەرتىش يېڭى ھالقىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر