خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىدىغانغا ئاز قالدى! ئىككى يىغىننىڭ مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش كۆزنىكى بولغان مېيدىيا ئاخبارات مەركىزى بۈگۈن پىلان بويىچە رەسمىي ئىش باشلىدى. بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا تۇنجى قېتىم «ۋەكىللەر يولى» ۋە «ئەزالار يولى» ئېچىلدى، داۋاملىق تۈردە «مىنىستىرلار يولى»نى ياخشى يۈرگۈزۈش پىلان قىلىندى، ئۈچ «يول» بارلىققا كەلدى، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مۇخبىرلار يىغىنى، مۇھىم شەخىسلەر ۋە مۇھىم مەزمۇنلار بار بولۇپ، ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزى سىز بىلمەكچى بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ!
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى