باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخەينىڭ داتۇڭ ناھىيەسى 19-قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئاممىنى نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلۇشقا ئىلھاملاندۇردى

2017.12.21 14:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى داتۇڭ خۇيزۇ-تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئاتالغۇلارنى يەرلىك ئەلنەغمىگە كىرگۈزۈپ، كىچىك كاناي، ئۈندىدار، پارتىيە ئەزالىرى پائالىيەت ئۆيى قاتارلىقلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلدى، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا بولغان ئىشەنچى ئاشتى، كادىرلار ئاممىنى يېتەكلەپ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يېڭى يۆنىلىشىگە ئىگە بولدى.

  داتۇڭ ناھىيەسى چېڭگۇەن بازىرى خاۋلەي كەنتى ئاھالىسى جاڭ مىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر سىياسەت ياخشى، مەكتەپكە ئوقۇسا ھەق ئالمايدۇ، كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇسا تېخى تولۇقلىما بېرىدۇ، ياخشى كۈنلەر يېتىپ كەلدى.

  داتۇڭ ناھىيەسى شياڭخۇا يېزىسى جياڭگۇ كەنتىدىكى 53 ياشلىق لى چېڭدۇڭ ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى تارقاتقان كىچىك كاناينى ئېلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ روھى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشنى قويدى، يەنە تېخى ئۇنى چىڭخەي شىۋىسىگە ئالماشتۇرۇپ قويۇپ بەردى. لى چېڭدۇڭ ئاغرىقچان ئانىسى بىلەن نەچچە مو ئېتىزغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن، ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا تارقىتىلغان نامرات ئائىلە ئىدى. «گۈزەل يېزا» قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئەمەلىلىشىگە ئەگىشىپ، لى چېڭدۇڭ ئېكولوگىيە ئورمانلىقىنى قوغدىغۇچى بولدى، ھازىر يىلىغا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ.

  لى چېڭدۇڭ: كەنتىمىز ئېكولوگىيە ساياھىتىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ، مەن پۇل يىغىپ ئات سېتىۋېلىپ، ساياھەتچىلەرنى سۈرەتكە تارتىمەن، يەنە ئۇششاق تىجارەت قىلىپ، ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزۈمگە تايىنىپ پۇل تاپىمەن، دېدى.

  داتۇڭ ناھىيەسى دۆلەت نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان نۇقتىلىق ناھىيە. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرى، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 116 نامرات كەنت، 8980 نامرات ئائىلىدىكى 32505 كىشى ئېنىقلاپ چىقىلغان. ھازىر داتۇڭ ناھىيەسىدە 33 نامرات كەنت نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىندى، ناھىيە بويىچە نامراتلىشىپ كېتىش نىسبىتى يىل بېشىدىكى %8.7 تىن %5.3 كە چۈشتى.

  2015-يىلى، داتۇڭ ناھىيەسى 21 مىليون 700 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، دياۋگوۇ رايونىدىكى 10 كەنتتە ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇرۇلۇشى تۈرىگە تۈرتكە بولدى.

  قىسقىغىنا ئىككى يىلدا، ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان بۇ يەردە گۈل-گىياھ بازىسى، مەنزىرىگاھ، يېمەك-ئىچمەك، مېھمانخانا، كۆڭۈل ئېچىش، ئويۇن قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان يېزا-كەنت ساياھەت ماركىسى يارىتىلدى، گۈل-گىياھ بازىسى ساياھەتچىلەر چىڭخەيدە چوقۇم بارىدىغان جاي بولۇپ قالدى.

  شىنىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شيا مۇنداق دېدى: ئاممىغا تەشۋىق قىلغاندا، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى سۆزلەش ۋە ھەل قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنى پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر