باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوخشاش بولمىغان سۇ ئېلىش-ئىشلىتىش خاراكتېرىگە قاراپ پەرقلىق باج ئېلىپ، سۇ بايلىقىنى تېجەش، قوغداش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

9 ئۆلكە كېلەر ئايدىن باشلاپ سۇ بايلىقى بېجى ئېلىشنى باشلايدۇ

2017.11.29 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى 28-نويابىر «سۇ بايلىقى بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىپ يولغا قويۇش چارىسى» (تۆۋەندە «يولغا قويۇش چارىسى» دەپ قىسقارتىلدى)نى ئېلان قىلدى، 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، سەنشى، ئىچكى مۇڭغۇل، شەندۇڭ، سىچۈەن، شەنشى، نىڭشىيادىن ئىبارەت 9 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر سۇ بايلىقى بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، سۇ بايلىق ھەققى ئېلىش سۇ بايلىقى بېجى ئېلىشقا ئۆزگەرتىلىدۇ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، باج پىشاڭىنىڭ تەڭشەش رولى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلۇپ، نامۇۋاپىق سۇ ئشىلىتىش ئېھتىياجى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىپ، سۇ بايلىقىنى تېجەش، قوغداش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سۇ بايلىقى بېجى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك سىلجىتىش ئۈچۈن تەجرىبە توپلىنىدۇ، شارائىت يارىتىلىدۇ.

  دۆلىتىمىز 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ خېبېي ئۆلكىسىدە ئالدى بىلەن سۇ بايلىقى بېجى ئېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلدى، نۇقتىدا سىناق قىلىنغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىجرا قىلىش مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇپ، سۇ بايلىقىنى تېجەپ ۋە تۈجۈپىلەپ ئىشلىتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە ئېلىش چەكلەندى، سۇ سەرپىياتى يۇقىرى كارخانىلار سۇ تېجەشكە مەجبۇرلىنىپ، ئالاھىدە ساھەلەرنىڭ سۇ ئېلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئومۇمىي جەھەتتە ئادەتتىكى سودا-سانائەت كارخانىلىرى ۋە ئاھالىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا سۇ ئىشلىتىش يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتمىدى.

  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان «يولغا قويۇش چارىسى»غا ئاساسەن، بەلگىلەنگەن ئەھۋالدىن سىرت، سۇ بايلىقى بېجى تاپشۇرغۇچى بىۋاستە دەريا، كۆل (سۇ ئامبىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى ئالىدىغان ئورۇن ۋە شەخس بولۇپ، ئادەتتىكى سۇ ئېلىش بولسا ئەمەلىي سۇ ئېلىش مىقدارى بېجى ئېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ بايلىقى بېجىنىڭ تەڭشەش-كونتىرول قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، سۇ ئېلىش خاراكتېرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ باج سوممىسىنى پەرقلەندۈرۈلۈپ، يەر ئاستى سۈيى باج سوممىسى يەر ئۈستى سۈيىدىن يۇقىرى بولىدۇ، زىيادە سۇ تارتىلغان رايوننىڭ سۇ بېجى سوممىسى زىيادە سۇ تارتىلمىغان رايوندىن يۇقىرى بولىدۇ، زىيادە سۇ تارتىلغان رايوننىڭ يەر ئاستى سۇيىنى ئېلىش بېجى سوممىسى 1- 4 ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ، پىلاندىن ئاشۇرۇپ ياكى نورمىدىن ئاشۇرۇپ سۇ ئىشلەتسە 1-3 ھەسسىگىچە باج ئېلىنىدۇ، ئالاھىدە ساھەلەردىن يۇقىرى باج ئېلىنىدۇ، بەلگىلەنگەن چەكلىمىدىن ئاشۇرۇپ يېزا ئىگىلىكىگە سۇ ئېلىش، يېزا تۇرمۇشى مەركەزلىك ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشىغا سۇ ئېلىش بولسا تۆۋەن باج ئېلىنىدۇ. كونكرېت باج سوممىسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۆز رايونىنىڭ سۇ بايلىقى ئەھۋالى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە سۇ بايلىقىنى تېجەش، قوغداش تەلىپىنى ئويلىشىپ بېكىتىشىگە بېرىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر