- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى بېسىپ تارقاتتى
2017.11.29 16:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 2017-يىلى 6-ئايدا ئېچىلغان مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ) قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ھۆججەت بېسىپ تارقىتىپ، «بەلگىلىمە»دىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىگە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
«بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى يولغا قويۇشتا قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىش، ئوبيېكتىپ-ئەمەلىي بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسلىقى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى فاڭجېن-سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش بويىچە زور تەدبىر بەلگىلەش ئەھۋالى، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش نىشانىنى تاماملاش ئەھۋالى، تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى، تەبىئىي بايلىق مۈلكى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ ئېلىش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، باشقا ئالاقىدار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر