باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

14 ئۆلكە يول قاتناش ھادىسىسى تور سانلىق مەلۇماتىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى يولغا قويدى

قاتناش ماجىراسى تۆلىمىنى بىر كۇنۇپكا بىلەنلا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ

2017.11.29 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش ئېچىپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەملىكەت بويىچە 14 ئۆلكىدە يول قاتناش ھادىسىسى زىيىنى تۆلەم ماجىراسىنى «تور سانلىق مەلۇماتىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى دۇ ۋەنخۇا مۇنداق دېدى: قاتناش ھادىسىسى ماجىراسىنىڭ پۈتۈن تەرتىپىنى توردا بىر تەرەپ قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بىر توردا بېجىرىپ، تېز بىر تەرەپ قىلىپ، ماجىرانى ھەل قىلىش تېخىمۇ ئاسانلاشتى، قولايلاشتى. نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى بېيجىڭ، خېبېي، جىلىن، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، شەندۇڭ، خېنەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، سىچۈەن، چۇڭچىڭدا ئىككى يىل باسقۇچقا بۆلۈنۈپ قانات يايدۇرۇلىدۇ. ھازىرقى باسقۇچ ۋاقتىنچە پەقەت سۇغۇرتىغا چېتىلىدىغان يول قاتناش ھادىسىسىدىكى زىياننى تۆلەش ماجىراسىغا تەتبىقلىنىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان ئالاقىدار ماجىرالار بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، توردا بىرلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جاۋابكارلىقنى بېكىتىش، تۆلەم ھېسابلاش، توردا مۇرەسسە قىلىش، توردا باھالاش، توردا ئەرز قىلىش، بىر كۇنۇپكا بىلەن تۆلەش قاتارلىق تەرتىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. توردا بىرلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش-قىلماسلىقنى دەۋالاشقۇچىلار ئىختىيارىي تاللىسا بولىدىكەن. نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان رايونلارنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئالاقىدارلار ھادىسە زىيىنى تۆلىمى توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلسا، ئالاقىدارلارنى توردا بىرلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا پائال يېتەكلىشى ۋە ئالاقىدارلار، ھادىسە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل، جاۋابكارلىقنى بېكىتىش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى توردا بىرلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سۇپىسىغا ۋاقتىدا يوللىشى كېرەككەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر