باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىر راكېتا، ئىككى سۈنئىي ھەمراھ»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ يەر شارىنى تورلاشتۇرۇشىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ

جۇڭگو يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى دۇنيانى قاپلىدى

2017.11.06 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلىتىمىز 11-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 19دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «ئۇزۇن سەپەر − 3» B بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق «بىر راكېتا، ئىككى سۈنئىي ھەمراھ» قويۇپ بېرىش ئۇسۇلى بىلەن 24-، 25-يەتىكەن يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى. بۇ ئىككى سۈنئىي ھەمراھ ئارا يەر شارى ئوربىتىسى سۈنئىي ھەمراھى بولۇپ، ئېلىمىز يەتىكەن 3-نومۇرلۇقنىڭ 1-، 2-تورلاشتۇرۇش سۈنئىي ھەمراھى، بۇ يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ يەر شارىنى تورلاشتۇرۇشتۇرىشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى.

  سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتىغا كىرىپ، سىناق ۋە تورغا كىرىش تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تاشقى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ قېتىمقى يەتىكەن 3-نومۇرلۇق يەر شارىنى تورلاشتۇرۇش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ تۇنجى قېتىم قويۇپ بېرىلىشى يەتىكەن 3-نومۇرلۇق سىستېما قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يەتىكەن سىستېمىسىنىڭ ئىمكانقەدەر بالدۇرراق پۈتۈن دۇنياغا مۇلازىمەت قىلىشىنى تېزلىتىپ، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىدۇ. يەتىكەن 3-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھى تېخىمۇ ياخشى ئىقتىدارغا ئىگە ئۆز ئارا مەشغۇلات سىگنالىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي يول باشلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە سۈنئىي ھەمراھ ئاساسىنى كۈچەيتىش مۇلازىمىتى ۋە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تېخىمۇ يۇقىرى ئىقتىدارلىق رۇبىدىي ئاتوملۇق سائەت ۋە ھىدروگېن ئاتوملۇق سائەت ئىشلىتىدۇ. يەتىكەن 3-نومۇر يەتىكەن 2-نومۇرنىڭ ئىقتىدارى ئاساسىدا، ئورۇن بېكىتىش ئېنىقلىق دەرىجىسىنى بىر-ئىككى ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، 2.5 ~ 5 مېتىر سەۋىيەگە يەتكۈزىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر