باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى «ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرش-ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.11.06 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى يېقىندا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، «ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش-ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىس مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، ئۇنىڭغا پارتىيەمىزنىڭ ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە ئېسىل ئەنئەنىسى مۇجەسسەملەنگەن. ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرش-ئىزچىللاشتۇرۇش خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ يۆنىلىشىگە، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالە ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈمنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي، ئىدىيە، تەشكىل، تۈزۈم، ئىستىل جەھەتتە ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ مۇتلەق سادىق، مۇتلەق پاك، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، رەئىس شى جىنپىڭغا مەسئۇل بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك.

  «پىكىر» دە يەنە پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىغا دائىر كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر