باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى ئۈچۈن-سىلەرنىڭ بالدۇرراق يېڭى ئۆيگە كۆچۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن

2017.09.26 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 21-ئىيۇن شى جىنپىڭ سەنشى ئۆلكىسى شىنجۇ شەھىرى كېلەن ناھىيەسى جاۋجياۋا كەنتىدە، كادىرلار ۋە ئامما بىلەن نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش پىلانى ئۈستىدە پاراڭلاشتى. ئۇ ھەممىڭلار كۆچەمسىلەر؟ بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بۇ يەرنىڭ شارائىتى ياخشى بولمىغانلىقىدىنمۇ دەپ سورىغاندا، كۆپچىلىك شۇنداق، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىمىز ناچار، بىز ئاساسلىقى تېرىقچىلىققا تايىنىمىز دېدى.

  شى جىنپىڭ جايلاردىكى نامرات كەنتلەرنىڭ كۆچمەنلەرنى كۆچۈرۈش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. بۇلتۇر 23-ئاۋغۇست ئۇ چىڭخەي ئۆلكىسى خەيدۇڭ شەھىرى خۇجۇ تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى بەنيەن كەنتىدە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى يېڭى كەنتلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، مەن سىلەرنىڭ بالدۇرراق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشىڭلارغا تىلەكداشمەن دېدى.

  بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، ھازىر دەل كۈزلۈك يىغىم مەزگىلى. بەنيەن كەنتىدىكى يىپيېڭى ئۆيلەر رەتلىك قەد كۆتۈردى، كەنت يوللىرى ياخشى ياسالدى، يەنە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلدى. كەنت ئاھالىلىرى مەيداندا بۇغدايلىرىنى قۇرۇتتى. دەم ئالغان چاغلىرىدا كەلگۈسى پىلانلىرى ئۈستىدە پاراڭلاشتى، يەتتە، سەككىز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان بەنيەن كونا كەنتى غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئۇ يەرنىڭ يوللىرى تىك، ئۆيلىرى توپا تاملىق ئىدى. 77 ياشلىق لۈ يۇرۇڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ئۆزگىرىشنى بۇرۇنقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاسمان-زېمىن پەرق بار دېيىشكە بولىدۇ، ھازىر بىزمۇ شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش ياشايدىغان بولدۇق دېدى.

  سەنشى ئۆلكىسى كېلەن ناھىيەسى جاۋجياۋا كەنتىدىكى ياڭ ئىزىمۇ يامغۇر ئۆتۈپ كېتىدىغان ئۆيىدىن ناھىيە بازىرىدىكى ئۈچ ئېغىزلىق بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ئۇ تۇرمۇش سەۋىيەمىز تېخىمۇ ئۆستى، ئاتا-ئاناممۇ ماڭا بۇنداق ئۆي سېلىپ بېرەلمىگەن، ھازىر ئۆيىمىزدە كاڭ، كارىۋات، ئاشخانا، ھاجەتخانىنىڭ ھەممىسى تەل بولدى دېدى.

  ياڭ ئىزى ئائىلىسىنىڭ يېڭى ئۆيى تۇرۇشلۇق مەھەللە «ئەلنەپ مەھەللىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ مەنىسى-ئازادە، يورۇق ئۆيلەر ئارقىلىق پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزۈش» دېگەنلىك بولىدۇ، بۇ مەھەللىدە جەمئىي بەش مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆي بار. ئوخشاشلا غەربىي شىمالدىكى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىككە جايلاشقان نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يىنچۈەن شەھىرى يۇڭنىڭ ناھىيەسى مىننىڭ بازىرى-20 يىل بۇرۇن شى جىنپىڭ ئۆزى تەكلىپ بېرىپ فۇجيەن بىلەن نىڭشيا بىرلىكتە قۇرۇغان ئېكولوگىيە كۆچمەنلىرى نۇقتىسى ئىدى، شۇ يىلدىكى سەككىز مىڭ نوپۇسى بار نامرات كۆچمەنلەر كەنتى بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىي قىلىپ، 60 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار ئېكولوگىيە كۆچمەنلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىرىغا ئايلاندى. بۇلتۇر 19-ئىيۇل شى جىنپىڭ مىننىڭ بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمەنلەر كەنتى بولغان يۇەنلۇڭ كەنتىگە باردى، شى جىنپىڭ بۇ يەر تەرەققىي قىلىپ، كىرىمى نەچچە ھەسسە ئاشتى دەپ سورىغاندا، كەنت ئاھالىلىرى 20 ھەسسە دېدى. شى جىنپىڭ كۆچمەنلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشتىن بەك مەمنۇن بولدى، ئۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: مىننىڭ بازىرى ئەينى يىلىدىكى قۇرۇق سايلىقتىن ئۆزگىرىپ ھازىر ئالتۇن سايلىققا ئايلىنىپتۇ، بۇ جەرياندا، بىر داغدام يولنى تېپىپ چىقىپتۇ. كۆچمەنلەرنى كۆچۈرۈش-نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، تىپىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ۋە كېڭەيتىپ، كۆچمەنلەرنى كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز پەقەت كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشنىڭ ئېپىنى تېپىپ، تەبىئىي شارائىتى ناھايىتى ناچار جايلاردا ياشاۋاتقان ئاممىنى كۆچۈرۈپ يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز بولغان ئېچىش چەكلەنگەن جايلار ۋە ئېچىشقا چەكلىمە قويۇلغان جايلاردىكى ئاممىغا ئورمان قاراۋۇلى قاتارلىق جامائەتچىل ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ بېرىپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئاممىنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش، ۋاقىتلىق ياردەم بېرىش، خەيرى-ساخاۋەت ياردىمى بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۆلەشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ بىلەن يۆلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ئامال بولمىغان ئائىلىلەرگە سىياسەت خاراكتېرلىك تۈپ كاپالەتنى يولغا قويساقلا، بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولۇشقا ئىقتىدارىمىز تامامەن يېتىدۇ.

  نىڭشيادىكى يۈەنلۇڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى خەي گوباۋ باش شۇجىنىڭ ئۆيىمىزگە كەلگىنىنى ئويلىسام شېرىن چۈش كۆرگەندەكلا بولىمەن، ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئائىلىمىزدە ھەر كۈنى يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى دېدى.

  چىڭخەي ئۆلكىسى خۇجۇ ناھىيەسى بەنيەن يېڭى كەنتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى جاۋ چېڭشېڭ بۇ بىر يىلدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش شۇكى، روھىي قىياپىتىمىز ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزدا زور ئۆزگىرىش بولدى، بىز قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى كۈن كەچۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ بېيىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان بولدۇق دېدى.

  شى جىنپىڭ مەن سىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىڭلارنى كۆردۈم، سىلەرنىڭ ھازىر قىزغىنلىققا تولغان بەخت تۇيغۇڭلارنى ھېس قىلدىم، مەن بۇنىڭدىن بەك خۇرسەن بولدۇم، مەن يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشمەن دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر