- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ 22-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى تۈنۈگۈن سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چىڭدۇ شەھىرىدە ئېچىلدى
2017.09.14 14:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ 22-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى تۈنۈگۈن سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چىڭدۇ شەھىرىدە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ، ساياھەتچىلىكنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قوشقان ئۇنىۋېرسال تۆھپىسى %10تىن ئاشتى. كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگودىن چەتئەللەرگە بارىدىغان ساياھەتچىلەر 700 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ. جۇڭگو ئۇزاق تارىخقا، پارلاق مەدەنىيەتكە، گۈزەل مەنزىرىگە، كۆپ خىل ئادىمىيەتكە ئىگە، بىز ھەر قايسى ئەللەردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ جۇڭگوغا ساياھەتكە ۋە ئارامغا كېلىشىنى قارشى ئالىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر