باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياڭ جېچى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تېللېرسون بىلەن كۆرۈشتى

2017.09.14 14:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يامايكىدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتوندىن ئۆتكەن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ياڭ جېچى 12-سېنتەبىر ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تىللىرسۇن بىلەن كۆرۈشتى.

  ياڭ جېچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېقىندىن بۇيان جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ۋە ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر بىرگە ھۆرمەت قىلىپ، بىر-بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ھەمكارلىشىپ، ئىختلاپلارنى كونترول قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، زۇڭتۇڭ تىرامپ يىل ئىچىدە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، زىيارەتنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  تېللېرسون مۇنداق دېدى: ئامېرىكا، جۇڭگو بىلەن، ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. زۇڭتۇڭ تىرامپ يىل ئىچىدە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشنى، ھەمدە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى پىلانلاشنى كۈتمەكتە. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسىدە ئالاقىلىشىشنى ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ جۇڭگوغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر