باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئاشلىق سانائەت مەھسۇلات قىممىتى ئىككى تىرىليون يۈەندىن ئاشتى

2017.09.14 14:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك ئاشلىق ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇلتۇر ئېلىمىز ئىستاتىستىكىغا كىرگۈزگەن ئاشلىق كەسپىي كارخانىسى 18 مىڭ بولۇپ، سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى ئىككى تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.3 ئاشقان؛ سېتىش كىرىمى ئىككى تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.6 ئاشقان؛ ئومۇمىي پايدىسى 132 مىليارد يۈز مىليون يۈەنگە يەتكەن. تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ يىلىغا ئاشلىق بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بىر مىليارد 40 مىليون توننىغا، ئەمەلىي پىششىقلاپ ئىشلەپ ئۆزلەشتۈرگەن ئاشلىقى 480 مىليون توننىغا يەتكەن. نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاشلىقنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ پىششىقلانمىغان ئاشلىق بازىسىنىڭ كۆلىمى 65 مىليون 460 مىڭ مو بولۇپ، 13 مىليون 850 مىڭ دېھقان ئائىلىسىگە چېتىلىپ، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى بېقىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئاشلىق كارخانىلىرى مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئالدىنقى شەرتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن دانلىق زىرائەت قاتارلىق يېڭىچە ئوزۇقلۇق، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى كۈچلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپ مەنبەلەشكەن، زاكازلاشقان، خاسلاشقان مەھسۇلات تەمىناتىنى كۆپەيتىشى؛ ئىنتېرنېت قوشۇلغان ئاشلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تور ئاشلىق دۇكىنى، دېھقانلار بىۋاسىتە تەمىنلەش قاتارلىق پارچە سېتىش كەسپىنى كېڭەيتىپ، ئاشلىق كەسپىنى ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئاشۇرۇش نۇقتىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر