باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياپونىيە تاراتقۇ ئەربابلىرى سۆزلىشىش يىغىنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى

2017.09.14 14:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن ياپونىيە جۇڭگو تاراتقۇ ئەربابلىرى سۆزلىشىش يىغىنى ئىجرائىيە كومىتېتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياپونىيە تاراتقۇلىرى سۆزلىشىش يىغىنى 11-ۋە 12-سېنتەبىر شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ تاراتقۇ ۋەكىللىرىدىن تەخمىنەن 40 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  سۆزلىشىش يىغىنىدا جۇڭگو ياپونىيە ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى مەركەز قىلىنىپ، تاراتقۇلارنىڭ ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، قېرىلاشقان جەمئىيەت دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس قاتارلىق تېمىلار چۆرىدىلىپ كەڭ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرى قارشى تەرەپ ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ھەقىقىي، ئومۇميۈزلۈك ئوبيېكتىپ، ئادىل تونۇشتۇرۇشى، تارىخقا ھۆرمەت قىلىشى، مەۋقەنى رېئاللىققا قارىتىشى، ئەل قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى كۆپرەك تارقىتىشى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر