باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2020-يىلىغىچە قەدىمكى ئەسەر بايلىقى ئېنىقلىنىپ بولىدۇ

2017.09.14 14:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قەدىمكى ئەسەر بايلىقىنى قوغداش خىزمىتى پىلانى»نى ئېلان قىلىپ، 2020-يىلىغىچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قەدىمكى ئەسەر بايلىقى ۋە ساقلاش ئەھۋالىنىڭ ئاساسەن ئېنىقلىنىپ بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. تۈنۈگۈن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بۇ پىلاننى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

  دۆلەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جىچىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا قەدىمكى ئەسەرلىرىنى قوغداش پىلانى» 2007-يىلى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 200 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق قەدىمكى ئەسەر ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىمغا ئېلىندى، قىممەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ ئىككى مىليون 500 مىڭ بېتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، «جۇڭگو قىممەتلىك كىلاسسىك ئەسەرلەر تارىخى توپلىمى»، «جۇڭخۇا تېبابەت جەۋھەرلىرى» قاتارلىق 13 مىڭ 400 پارچە قەدىمكى ئەسەر كاتالوگى نەشر قىلىندى. پىلاندا، 2020-يىلىغىچە قەدىمكى ئەسەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن 726 مىڭنى ئېلان قىلىش، قىممەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ ئۈچ مىليون 500 مىڭ بېتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، 15 مىڭ پارچە قەدىمكى ئەسەرنى نەشر قىلىش نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  جاڭ جىچىڭ مۇنداق دېدى: قوغداشنى ئاساس، قۇتقۇزۇشنى 1-ئورۇندا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت خىزمەت فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاشنى ئاساس، دەرىجىگە ئايرىپ قوغداش ۋە ئاشكارا پايدىلىنىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەدىمكى ئەسەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىدىغان جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، «قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ خەتلىرىنى جانلاندۇرۇش» ئىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  پىلاندا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «جۇڭخۇا قەدىمكى ئەسەرلەر ئومۇمىي كاتالوگى» ۋە «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى ئومۇمىي كاتالوگىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى»نى تۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قەدىمكى ئەسەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە تېخىمۇ ئاشكارا ھەمبەھرلىنىشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ. مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئاممىۋى مەدەنىيەت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن بىنبىن مۇنداق دېدى: قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداش بىلەن ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك قوغداشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قەدىمكى ئەسەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تىزىملاش، دەرىجىگە ئايرىپ قوغداش، قۇتقۇزۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان خىزمەتلەرنى گەۋدىلەندۈرىمىز؛ قۇتقۇزۇشنى 1-ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ ئاسان بۇزۇلۇپ كېتىدىغان، قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قىممەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەرنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر