باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى «مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش» تۈرىدىكى 14 ئالدامچىلىق شايكىسىنى بىتچىت قىلدى

204 جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشتى، دېلوغا چېتىشلىق سومما 730 مىليون يۈەندىن ئاشتى

2017.04.26 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، نۆۋەتتىكى «مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش»، «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش»، «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش»، «ياشانغانلارنى كۈتۈش» قاتارلىق ناملارنى سۈيئىستېمال قىلىپ ئالدامچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىش ئەھۋالىنىڭ تېز يامرىشىغا قارىتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 2016-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى دېلوغا چېتىشلىق جايلارنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدا مەخسۇس زەربە بېرىش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرغان. ھازىرغىچە، 14 جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلىپ، 204 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن، دەسلەپكى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشتا دېلوغا چېتىشلىق سومما 730 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، «سەنمىنچېڭ»، «جۈلوڭ خەلقئارا مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتى»، «5A دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش، ياشانغانلارنى كۈتۈش تۈرى» قاتارلىق بىر تۈركۈم زور ئالدامچىلىق دېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، مەخسۇس زەربە بېرىش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

  «مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش» تۈرىدىكى ئالدامچىلىق بىر خىل توپلاپ پايدا قايتۇرۇش، شاخلىتىپ سېتىش، ئالدامچىلىق بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىچە ئارىلاشما جىنايەت بولۇپ، ئازدۇرۇش ۋە ئالداش خاراكتېرىگە ئىگە. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار يالغاندىن جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدىكى ھەر قايسى سۇلالىلەر ھالاك بولغاندا شۇنداقلا گومىنداڭ مەغلۇپ بولۇپ تەيۋەنگە كەلگەندە چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە چەت ئەلدە غايەت زور بايلىق قالدۇرغان، دۆلەت ھازىر بىر قىسىم ئەلئارا تەشكىلات ياكى كارخانىلارغا ھاۋالە قىلىپ چەت ئەلدىكى «مىللىي مۈلۈك»لەرنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىۋاتىدۇ دەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئالداپ ئىش باشلاش مەبلىغى، ئەزالىققا تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرۇش ياكى مەبلەغ سېلىپ پاي قوشۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئالدامچىلىق قىلغان. شۇنداقلا ئۇلار جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتىلارغا يېقىندىن ئەگىشىپ، «مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش» نامىنى چۆرىدەپ، ئاتالمىش «ياشانغانلارنى كۈتۈش»، «نامراتلارنى يۆلەش» قاتارلىق مەبلەغ سېلىش تۈرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، «مىللىي مۈلۈك»نى توڭلىتىش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن مەبلەغ سېلىپ ياردەم قىلغۇچىلارغا زور سوممىلىق جاۋاب قايتۇرۇشقا ۋەدە بېرىپ، توختىماي پۇل-مال ئالدىغان. جىنايەت شايكىسى ئادەتتە QQ، ئۈندىدار قاتارلىق تور ئالاقە قوراللىرىدا ھەر خىل توپلارنى قۇرۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئالداپ چىقىمدان، ئۈندىدار قىزىل بولىقى، تور بانكىسىدا پۇل ئۇرغۇزۇپ ياكى مېمورىيال قىلىپ، يىراقتىن يۈز كۆرۈشمەي ئالدامچىلىق قىلغان؛ شاخلىتىپ سېتىش ۋاسىتىسى بىلەن تەشۋىق قىلىپ مېڭە يۇيۇش، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەت-ئالاقىسىنى ھەدەپ يالغاندىن ياساش، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى بۇرمىلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرگەن شۇنداقلا ئاتالمىش تۈر ۋە خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا چوڭقۇر ئىشەندۈرگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر