باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى 34 كىنىشكا بىرلەشتۈرۈلگەن «جەمكارتا» كىنىشكىسى ئېلان قىلىندى

2017.04.25 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 24- كۈنى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى فاڭچېڭگاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جىن شياڭجۈن «جەمكارتا»نى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى باشلاش مۇراسىمىدا، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ خوڭنىڭ مەملىكەت بويىچە تۇنجى 34 كىنىشكا بىرلەشتۈرۈلگەن «جەمكارتا» تىجارەت كىنىشكىسىنى گۇاڭشى گۇيخەيشىن ئىمپورت- ئېكسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، قوشۇمچە دىرېكتورى خۇ شىڭلوڭغا تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، گۇاڭشى فاڭچېڭگاڭ شەھىرىدە يېڭى قۇرۇلغان كارخانىلار ۋە ئۇلارنىڭ شۆبە ئاپپاراتلىرى ھەمدە دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرىغا قارىتا «جەمكارتا» بويىچە تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئىسلاھات ئەسلىدىكى «ئالتە كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش، بىر كىنىشكا بىر كود بولۇش» ئاساسىدا، 20دىن ئارتۇق تارماققا چېتىشلىق 34 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى بىرىكتۈرۈپ، «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، ئىچكى قىسىمدا ئالماشتۇرۇش، ماس قەدەملىك تەكشۈرۈش، ئۇچۇرنى ئۆزئارا ئېتراپ قىلىش، كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئەندىزىسى بويىچە «جەمكارتا»نى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر