باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ۋۇتۇڭ داچۈەندىن مورىغىچە بولغان تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى سىناق بۆلىكى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

2017.04.25 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئاپرىل، بېيجىڭ-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (قىسقارتىلىپ بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى دېيىلىدۇ)نىڭ ۋۇتۇڭ داچۈەندىن مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگىچە بولغان تاشيول تۈرىنىڭ دەسلەپكى سىناق بۆلىكى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. بۇ تۈر بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر بۆلەك قۇرۇلۇشى بولۇپ، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تاماملىنىش مۆلچەرلەندى. شۇ چاغدا، بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىچكى جايلىرىدىن شىنجاڭغا كىرىشتىكى 2-تاشيولى ۋە چوڭ ئۆتۈشمە يولى ھاسىل قىلىنىدۇ.

  بۇ تۈر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى لوڭ شىڭ مۇنداق دېدى: ۋۇتۇڭ داچۈەندىن مورىغىچە بولغان تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 515 كىلومېتىر، قوش يۆنىلىشتە تۆت ئاپتوموبىل يولى قىلىنىپ ئۆلچەملىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى بويىچە لايىھەلەنگەن، جەمئىي 17 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، پىلاندىكى قۇرۇلۇش مۇددىتى ئۈچ يىل، نۆۋەتتە ئىش باشلانغان قۇرۇلۇش تۈرى دەسلەپكى سىناق بۆلىكى بولۇپ، ئالدىن بىر يول بۆلىكى قۇرۇلۇپ سىناق ئېلىپ بېرىلىپ، كېيىنكى مەزگىلدىكى تۈرلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

  مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى ئىچىدىكى بېيجىڭ بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدىغان ئەڭ شىمالىي قىسمىدىكى غول قاتناش يولى بولۇپ ، شەرقتىن غەربكە بېيجىڭ، خېبېي، ئىچكى مۇڭغۇل، گەنسۇ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2540 كىلومېتىر بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، غەربىي شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ قولايلىق يول ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى ئارا يۇلتۇزدىن ئۆتۈپ گەنسۇغا كىرىپ، بېيجىڭغا بارىدىغان يول بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى بېيجىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئاپتوموبىل بىلەن يۈرۈش مۇساپىسىنى 1300 كىلومېتىر قىسقارتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر