باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى دەم ئېلىش كۈنلىرى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

2017.04.25 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھەرقايسى مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار، ئالىي مەكتەپلەر، جامائەت تەشكىلاتلىرى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ھەر قايسى ئورۇنلىرى:

  2017- يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، گ ب (2016) 17 - نومۇرلۇق ئوچۇق تېلېگرامما «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2017- يىلى قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، نۆۋەتتە، 2017- يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى:

  5- ئاينىڭ 1- كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، ھەمدە ئالدىدىكى شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ ئۇلاپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  بەلگىلىمە بويىچە، 2017- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يازلىق ئىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. يەنى بۇنىڭدا، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 : 00دا (ھەممىسى بېيجىڭ ۋاقتى، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) خىزمەتكە چۈشۈپ نورمال خىزمەت قىلىش، 14 : 00دە چۈشلۈك ئارام ئۈچۈن ئىشتىن چۈشۈش، چۈشتىن كېيىن 16:00دە يەنە خىزمەتكەچىقىپ ئىشلەش، 20:00دە كەچلىك ئىشتىن چۈشۈش دېگەن ئىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى2017- يىلى 4- ئاينىڭ 24- كۈنى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر