باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆچمە ئالاقە تورى ئەپلەر بىخەتەرلىكى ۋە نەشر ھوقۇقى ئىتتىپاقى قۇرۇلدى

2017.04.25 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆچمە ئالاقە تورى ساھەسىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۆچمە تور بىخەتەرلىكىدىكى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلەتلىك كومپيۇتېر ۋىرۇسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى، جوڭيى ئالاقە تورى شىركىتى قاتارلىق مەملىكەت بويىچە 27 كارخانا، كەسپىي ئورۇن بىرلىكتە تەشەببۇس قىلىپ تەشكىللىگەن كۆچمە ئالاقە تورى ئەپلەر بىخەتەرلىكى ۋە نەشر ھوقۇقى ئىتتىپاقى يېقىندا گۇاڭجۇدا قۇرۇلدى.

  كۆچمە ئالاقە تورى ساھەسىدىكى يامان نىيەتلىك ئەپلەر ئەۋج ئېلىش، كەسىپ ئۆلچىمى كەمچىل بولۇش، ئەپ بازارلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئىتتىپاق بۇ يىل جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنسىتىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئەپ ئېلان قىلىش سۇپىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىتتىپاقنىڭ ئەپ بىخەتەرلىكى نەشر ھوقۇقى بەلگىسىنى كېڭەيتىش، ئاممىنىڭ پاش قىلىش يوللىرىنى بەرپا قىلىشنى ياخشى ئىشلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ھەمكارلىشىپ، يامان نىيەت بىلەن ھەق تۇتىدىغان، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلايدىغان، قانۇنغا خىلاپ زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىدىغان ئەپلەرنى بايقاپ ھەمدە بىر تۇتاش ئاشكارىلايدۇ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە چېتىلىدىغانلارنى، ئىتتىپاق ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىشىش مېخانىزمى بويىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىلەپ زەربە بېرىدۇ.

  ئىتتىپاق كاتىبات باشقارمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىتتىپاق تور بېكەت ئارقىلىق مەملىكەتلىك ئەپ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، قارا تىزىملىككە چۈشكەن ئەپلەرنى ئاشكارىلاپ، ئاممىنى توردىكى قانۇنغا خىلاپ ناچار ئەپلەرنى پاش قىلىش ئېغىزى بىلەن تەمىنلەپ، ئومۇملاشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر