باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شەرقىي جۇڭغار رايونى دۆلەتلىك زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئۈلگە رايونى بولۇپ تاللاندى

2017.04.25 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نېفىت خىمىيە سانائىتى خام ئەشيا مەنبەسىنى كېڭەيتىش، ئىلمىي پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا «زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپىدە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسى لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ) نى ئوتتۇرىغا قويغان. شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار رايونى دۆلەتلىك زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇپ تاللانغان.

  «لايىھە»دە ئىچكى موڭغۇلدىن ئوردۇس، شەنشى ئۆلكىسىدىن يۈلىن، نىڭشيادىن نىڭدۇڭ، شىنجاڭدىن شەرقىي جۇڭغاردىن ئىبارەت تۆت زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئۈلگە رايونى پىلانلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشى شەكىللەندۈرۈلۈپ، تەدرىجىي ھالدا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى شەكىللەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ھەر بىر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ «13ـ بەش يىل» مەزگىلىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆمۈر ئايلىنىش ئومۇمىي مىقدارى 20 مىليون توننا ئىچىدە تىزگىنلىنىدۇ (كۆمۈر مېيى، كۆمۈر گازى قاتارلىق كۆمۈردىن ئايرىلغان يېقىلغۇلار بۇنىڭ سىرتىدا).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر