باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» تارقىتىلدى

2017.03.29 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ئىشخانىسى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى ھەمدە رايونلار، تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش-ئىدىيە ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇش، تەشكىلى جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشتىكى كۈچلۈك تۇتقا، پارتىيەنىڭ ئىدىيە سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئۇل قۇرۇلۇش. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ يېقىندىن ئىتتىپاقلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشتا زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىينى تەكىتلەش يۈكسەكلىكىدىن ئىككىنى ئۆگىنىش بىر بولۇش ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىمىيلاشتۇرۇش تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيەۋى تەربىيەنى باشتىن ئاخىر بىرىنچى ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسى پارتىيە بەلگىلىمىسى ئارقىلىق پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش ئىدىيەۋى ھەرىكىتى ۋە بىلىش بىلەن ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈپ؛ سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيلىق ئېڭى، يادرولۇق ئاڭ، توغرىلىنىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ؛ سىياسىيدا لاياقەتلىك، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا لاياقەتلىك، ئەخلاق پەزىلىتى لاياقەتلىك، رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا لاياقەتلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ؛ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارىغا تولۇق ئەمەل قىلىپ، يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ ۋەزىپىنى سادىقلىق بىلەن پاكىز ئۈستىگە ئېلىش، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەمدە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى كۈچەيتىش، ئاۋانگارتلىق نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، دائىملاشتۇرۇش، قايتا يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ئۈستىدە ئىزدىنىشتە، ئۆگىنىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلار نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزى گۇرۇپپا ئۆگىنىشىگە تايىنىش، پارتىيە ياچېيكىلىرى ئۈچ يىغىن بىر دەرس قاتارلىق ئاساسىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈرۈش، دائىم تۇتۇش، شەكىلۋازلىقنىڭ، ئىككى يۈزلىمىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  " ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر"نىڭ ئومۇمىي تېكىستى 8 قىسىمغا بۆلۈنگەن: 1-، سىياسىينى تەكىتلەش يۈكسەكلىكىدىن ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش؛ 2-، ئاساسىي نىشان، تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ 3-، ئۆگىنىشنىڭ مەزمۇنىنى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇش؛ 4-پارتىيە ئەزالىرىنى 4تە لاياقەتلىك بولۇشقا يېتەكلەش؛ 5-، ئىدىيەۋى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دائىم تەكشۈرۈپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش؛ 6-، رەھبىرى ئورگانلار، رەھبىرى كادىرلار ئالدى بىلەن ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ 7-ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئۈچ يىغىن بىر دەرس قاتارلىق ئاساسىي تۈزۈمگە كىرگۈزۈش؛ 8-خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتلاممۇ-قاتلام ئىلگىرى سۈرۈش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر