باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش، ساختا تاۋارغا زەربە بېرىش پىكرىنى چىقاردى

2017.03.24 15:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، گوۋۇيۈەن يېقىندا «يېڭى ۋەزىيەتتە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشى ۋە ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش، سېتىشقا زەربە بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكىر»نى چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپىنى قوغداپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان، خەلقئارالاشقان، قولايلاشقان سودا، تىجارەت مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشى ۋە ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش، سېتىشقا زەربە بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: قانۇن بويىچە تۈزەش، زەربە بېرىش بىلەن قۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش، جەمئىيەت تەڭ تۈزەش قاتارلىق پىرىنسىپلاردا چىڭ تۇرۇپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار نىزام ۋە ئۆلچەملەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى، مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە يېڭىلاپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەرنى تېخىمۇ ياخشى قوللىنىپ، ئىشنىڭ جەريانى ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. 2020-يىلىغىچە، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى، جىنايى ئىشلار قانۇن ئىجراسى، ئەدلىيە جەھەتتىن سوتلاش، تېز سۈرئەتتە ھوقۇق قوغداش، كېسىمنى ياراشتۇرۇش، كەسىپتە تەلەپچان بولۇش، جەمئىيەتنىڭ نازارىتى قاتارلىقلار بىلەن ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرىدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشى ۋە ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش، سېتىشقا زەربە بېرىش خىزمىتى سىستېمىسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈش لازىم.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر زەنجىرسىمان بولۇش، تەشكىللىشىش ۋە رايون، كەسىپ ھالقىش قاتارلىق يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى ئالاھىدىلىكلەرگە قارىتا، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشى ۋە ساختا، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، سېتىشقا قارىتىلغان تولۇق زەنجىرسىمان زەربىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. 1-تارماقلار ئوتتۇرىسىدىكى قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى بىلەن جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسىنى تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق تىزىملىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى ئېتىش؛ 2-رايونلار ئوتتۇرىسىدا قانۇننى بىرلىشىپ ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، رايون ھالقىغان بىرلەشمە كېڭەش، يىپ ئۇچىنى يەتكۈزۈش، ئىسپاتلارنى يۆتكەش، دېلولارنى ماسلىشىپ تەكشۈرۈش، بىرلىشىپ دېلو بېجىرىش، تەكشۈرۈش، دەلىللەش نەتىجىسىنى ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ 3-دېلو بېجىرىش قانۇن ئىجراسىدىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى چەتئەللەردە قوغداشنى پائال قانات يايدۇرۇش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر