باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئاساس قىلىنغان ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ئارقا ئارقىدىن باشلاندى

2017.03.24 15:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىشنىڭ بېشى ئەتىيازدىن باشلىنىدۇ، ئەتىيازلىق ۋاقىت ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك دېگەن گەپ بار، ئەتىياز كېلىشى بىلەنلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تۇشمۇ تۇشتىن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، ئەتىيازلىق پەرۋىشنىڭ ئەڭ ئالدىراش مەزگىلىگە كىردى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىكىدە مىڭ يىللىق ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، ئەنئەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى يېشىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك قېلىپقا ئۆزگىرىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتلەردە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى ئاساسى لىنىيە قىلىنغان يېزا ئىسلاھاتىدا ئەتىيازدا ئۈنۈم كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

  ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا قانچە بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، قانچە بالدۇر تۇتسا شۇنچە ياخشى، يېزائىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە كۈزگى بۇغداينىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى تۈردىكى مايسىلىرىنىڭ كۆكىرىش نىسبىتى %84.8 بولغان، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئەتىيازلىق پەرۋىش ۋە ئەتىيازلىق تېرىمنىڭ ۋاقتى قىس، ۋەزىپىسى ئېغىر، تەلىپى يۇقىرى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە قارىتا باش باھارنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئەتىيازلىق پەرۋىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ شۇنداقلا تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلاردىن دېھقانچىلىق ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، بۇ يىل يېزا ئىگىلىكىدە ئاشلىق مەھسۇلاتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنىڭ تۇنجى جېڭىنى ياخشى قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ھازىر ئەتىيازلىق دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ياخشى، يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاساسى بىرقەدەر پۇختا، كۈزگى بۇغداي كۆلىمى ئاساسەن مۇقىم. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىغاندا، ئەتىياز كىرگەندىن بېرى مايسىلار ياخشى ئۆسكەن، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا بۇغداي مايسىلىرى ئومۇمەن نورمال ئۆسكەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا مايسا بىرقەدەر ياخشى ئۆسكەن بىر يىل بولغان، بولۇپمۇ كۈزلۈك تېرىلغۇ مەزگىلىدىن بېرى ھۆل يېغىن مىقدارى تولۇق بولۇپ، بۇغداي كۆلىمىنىڭ %80دىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان قۇرغاق يەردىكى بۇغدايلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئومۇمەن ياخشى بولغان.

  ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا سۇ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تېجەش ئەڭ مۇھىم. ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا يېشىللىق بۇ يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىكى مۇھىم نۇقتا، شۇنداقلا قىيىن نۇقتا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېشىل، يۇقىرى، مەھسۇلاتلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېخنىكا قېلىپى ۋە سۇ تېجەش، ئوغۇت تېجەش، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تېجەش قاتارلىق يېشىل تېخنىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  جايلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مىقدارى تۇنجى قېتىم ئاشمىدى، خىمىيەلىك ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارى ئاساسەن ئاشمىدى. مۇشۇ ئاساستا بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا يېشىل، يۇقىرى مەھسۇلات، يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىش داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇھىم نۇقتا قىلىنغان بىر تۈركۈم ناھىيەلەردە ئومۇمىي تەشكىلىي تۈزۈم ئورنىتىلىپ، تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرىدىغان، يېشىل تەرەققىي قىلىدىغان، دەۋرىي پايدىلانغىلى بولىدىغان تېخنىكا قېلىپى توپلىنىپ، ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكلەندى.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەمىنلەشنى سەرخىللاشتۇرۇش، سۈپەتنى، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىش، يېشىل تەرەققىي قىلىشنى يېتەكچى ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى سۇبيېكتىلارنى يۆلەپ، يېڭى يوللارنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر