باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىلقى «ئىككى يىغىن»دا بىز نېمىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك؟

2017.03.02 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى «13 ـ بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم بىر يىل، ھەمدە تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان يىلى ھېسابلىنىدۇ، پارتىيەنىڭ 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. "يىلنىڭ پىلانى باھاردىن باشلىنار." دېگەن گەپ بار، باھاردا ئېچىلغان مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

  «ئىككى يىغىن»نىڭ ۋاقتى يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئالاقىدار قىزىق نۇقتىلارمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. خەلق تورىنىڭ «2017- يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش» تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، 27- فېۋرال سائەت 20دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئادەملەرنىڭ سانى 786 مىڭ 674 ئادەم قېتىمغا يەتكەن. ئۇنىڭدىكى تېمىلار، يەنى پارتىيەنىڭ 18- قۇرۇلتىيىدىكى نۇقتىلار مەسىلىسى، ھەمدە مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشتىن پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشقىچە، ئىجتىمائىي كاپالەت بېرىشتىن داۋالاش ئىسلاھاتىغىچە بولغان ھەر بىر نامزات سۆز زادى نېمىلەرنىڭ جۇڭگو خەلقى كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلار ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي نامايان قىلىپ تۇرماقتا.

  قىزىق نۇقتىلىق نامزات سۆزلەرگە بېلەت تاشلاشتىن باشقا، تورداشلارنىڭ قالدۇرغان سۆز مەزمۇنلىرىمۇ خىلمۇخىل بولغان، چېتىلىدىغان ساھەلەر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشتىن مەدەنىيەت ۋە خەلق تۇرمۇشىغىچە، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشتىن، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشقىچە، ھەر جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ئاز-تولا نامايان قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، يېقىنقى كۈنلەردە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار «ئىككى يىغىن»غا تەكلىپ بېرىش ئۈچۈن قىلغان تەييارلىقلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلىدى. بۇ ھەر تەرەپلەردىن كەلگەن كۆز قاراشلارنى رەتلەش ئارقىلىق، بىز بۇ يىلقى «ئىككى يىغىن»نىڭ قىزىق تېمىلىرىنى ئالدىن كۆرەلەيمىز.

  قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى: «چىرىكلىككە قارشى تۇتۇرپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش»نىڭ سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك


  خەلق تورىنىڭ جامائەت كۆڭۈل بۆلىدىغان 18 قىزىق نۇقتا ئۈستىدە توردا قانات يايدۇرغان تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 27- فېۋرال سائەت 20دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، ئۇنىڭدىكى «چىرىكلىككە قارشى تۇتۇرپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش» دېگەن بۇ تۈرى 110 مىڭ بېلەت بىلەن كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

  «2016- يىلى دۆلەت ئىچىدە داۋاملىق تۈردە يۇقىرى بېسىم بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى داۋاملاشتى. شۇنىڭغا مۇناسىب تۆۋەندىكىدەك ۋەقەلەردىن، سىز قايسىغا تېخىمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىسىز؟» دېگەن تېما ئۈستىدە توردا ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ تۈرلەرگە كۆڭۈل بۆلگەن تورداشلارنىڭ ئىچىدە، %24.83 تورداش «شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى»غا كۆڭۈل بۆلىدىكەن؛ %21.16 تورداش بولسا دىققىتىنى «مەركەزنىڭ كۆزىتىپ تەكشۈرۈشىدىكى <قايتىدىن قاراپ چىقىش>ى»غا قاراتقان؛ بۇنىڭدىن سىرت، %14.09 تورداش «دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ باشلاش»قا كۆڭۈل بۆلىدىكەن؛ %13.48 تورداش «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىكەن.

  قىزىق نۇقتىنىڭ ئىككىنچىسى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاتاكىغا ئۆتۈش باسقۇچىغا كىردى


  ھازىر، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاتاكىغا ئۆتۈش مەزگىلىگە كىردى، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتىن، شەھەر-يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتەك تۈزۈلمە مېخانىزمىنىڭ مۇكەممەللەشتۇرۇلۈشىگىچە، «يېزا ئىگىلىك يان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بىلەن تەمىنلەش»تىن «دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى»غىچە بولغان بىر قاتار ئىسلاھاتلارنىڭ ھەممىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان قىزىق نۇقتىلىق سۆزلەرگە ئايلاندى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سەي لىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 5- يىغىنىدا 38 پارچە كوللېكتىپ تەكلىپنى تاپشۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئەھمىيەت بەرگەن.

  قىزىق نۇقتىنىڭ ئۈچىنچىسى: بۇلغىنىشنى تۈزەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش


  جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتى «ئىككى يىغىن»غا ئاتاپ تەييارلىغان تەكلىپلەر ئىچىدە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونلىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېزا ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئىشلىتىلمىگەن تاش كۆمۈرنى پارچە قالاش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش، يېزىدىكى ئىشلىتىلمىگەن تاش كۆمۈرنى پارچە قالاش بۇلغىنىشنى باسقۇچلۇق قانات يايدۇرۇش تەكلىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۇ شېڭزۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش،

  «13- بەش يىل» مەزگىلىدە مۇھىت سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھازىر بار بولغان ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە شەھەر-بازارلىشىش قۇرۇلمىسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بۇلغىنىشنى تۈزەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسە جەھەتتىنمۇ، ماھىيەت جەھەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك.

   قىزىق نۇقتىنىڭ تۆتىنچىسى: خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى سەمىمىي ئۈمىدگە باغلىنىدۇ

  خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىن مائارىپنىڭ ئادىللىقىغىچە، داۋالاش ئىسلاھاتىدىن ئىجتىمائىي كاپالەتقىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كىرىمدىن ئولتۇراق ئۆيغىچە بولغان مەسىلىلەردە، بىر تەرەپتىن ئاممىنىڭ ئارزۇسى كۈچلۈك، يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر