- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۆتكەن يىلى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرزىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى چوڭ-ئوتتۇرا كارخانىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولدى
2017.02.03 14:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ خەلق پۇلى قەرزىنىڭ قالدۇقى 2 مىليارد 84 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16 ئاشقان، چوڭ كارخانىلارنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى قەرز پۇلىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 7.2 پوئىنتى، ئوتتۇرھال كارخانىلارنىڭكىدىن 9.1 پوئىنتى يۇقىرى بولغان.
مەركىزىي بانكىنىڭ ئىستاتىستىكا مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى، ئېلىمىزدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز قالدۇقىنىڭ كارخانىلارنىڭ قەرزىدە ئىگىلىگەن قالدۇقى %32.1نى ئىگىلىگەن، نىسبىتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.6 پوئىنتى يۇقىرى بولغان. پۈتۈن يىلدا كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرزى 3 تىرىليون يۈەن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 781 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئاشقان، ئېشىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكى كارخانىلار قەرزىنىڭ ئېشىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %49.1 بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12.5 پوئىنتى ئاشقان.
پۈتكۈل كارخانىلارنىڭ قەرز ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى ئېلىمىزدە پۇل مۇئامىلىدىن باشقا كارخانىلار ھەم ئورگان، تەشكىلاتلارنىڭ خەلق پۇلى ۋە چەتئەل پۇلى قەرزىنىڭ قالدۇقى 74 تىرىليون 470 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىلەن تەڭلەشكەن. پۈتۈن يىلدا 5 تىرىليون 710 مىليارد يۈەن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 تىرىليون 230 مىليارد يۈەن ئاز ئاشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر