باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ توردا قورامىغا يەتكەنلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىغا ئاتا ئانىلار ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك

2017.02.03 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى ئېلان قىلغان« قورامىغا يەتمىگەنلەرنى توردا قوغداش نىزامىنى تەستىققا سۇنۇش نۇسخىسى»غا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىندى، پىكىر ئېلىش 6-فېۋرالغىچە داۋاملىشىدۇ. تەستىققا سۇنۇش نۇسخىسىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى جەمئىي ئالتە باب، 36 ماددا بولۇپ، تور ئۇچۇر مەزمۇنى قۇرۇلۇشى، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تور ھوقۇقى مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئالدىنى ئېلىش، ئارىلىشىش، قانۇنىي مەسئۇلىيەت قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە بەلگىلىمە چىقىرىلدى. مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئېلىمىزدە ھازىر قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تور ئىشلىتىش ئەھۋالى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەستىققا سۇنۇش نۇسخىسىغا بولغان پىكىر تەكلىپلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەردىن ئايان بولۇشىچە، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار ئۇچۇرنىڭ دەخلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەن ئىكەن، ھەتتا ئوقۇتقۇچى، ئاتا ئانىلارنىڭ ئامالى يوقكەن.

  جۇڭگو ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىدىن ئايان بولۇشىچە، ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىدە قورامىغا يەتمىگەنلەردىن 50دىن ئارتۇق دوست تۇتىدىغانلار %28نى ئىگىلەيدىكەن، قورامىغا يەتمىگەن %64دىن ئارتۇق كىشى توردا تۇتقان دوستىغا رىيال تۇرمۇشتىكى دوستىغا ئوخشاش ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيدىكەن، %30.5ئى ئىشەنمەيدىكەن، ئەمما 3دىن بىر قورامىغا يەتمىگەن تور ئەھلى ئىجتىمائىي ئالاقە قاراڭغۇ تورىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن، ھەتتا ئىجتىمائىي ئالاقە قاراڭغۇ تورىدىن تەڭ بەھرىلىنىش، تارقىتىش ئارقىلىق قورامىغا يەتمىگەنلەر تور مەھەللىسى شەكىللەندۈرگەن.

  قورامىغا يەتمىگەنلەر ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، ھەۋىسى ھەتتا ناچار ئادىتىگە ئاساسەن تاللاپ ئالاقە قىلىپ، يوشۇرۇن، مۇقىم تور ئىجتىمائىي توپى شەكىللەندۈرگەن،، ئەزالار ئارا ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ ئاتا ئانىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

  جۇڭگو تاراتقۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ سىشىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئۇسۇلىغا قارىتا قورامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ئاتا ئانىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاللاش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇۋاتىدۇ شۇڭا قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىز `قورامىغا يەتمىگەنلەر ھەتتا بەزى قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۆيىدىكى ئاران يىغقان پۇلىنى توردىكى مۇكاپاتقا سەرپ قىلىۋېتىدىغان ئىشلارنى چۈشىنىمىز، ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق نەق مەيدان شەكلىدىكى ئۇچۇر تارقىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان ئەھۋالدا ھېچقانداق قارشىلىق ئىقتىدارى قالمايدۇ، ئۇنداقتا بىز كەلگۈسىدە قانداق قىلىپ قانۇن چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق نەق مەيداننى تارقىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قاراتمىلىق بەلگىلىمە چىقىرىمىز؟ بۇ ئىنتايىن مۇھىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر