باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە 16 خىل مۇقىم مۈلۈكنى تىزىملاش ھەققى كەچۈرۈم قىلىندى

ھەر يىلى 500 مىليون يۈەن يۈك يېنىكلىتىلىدۇ

2016.12.13 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى 12 - دېكابىر، 16 خىل مۇقىم مۈلۈكنى تىزىملاش ھەققىگە قارىتا كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىشقا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلغانلىقىنى، سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە ھەر يىلى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تەخمىنەن 500 مىليون يۈەن يۈكى ئازايتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە تارقاتقان «مۇقىم مۈلۈكنى تىزىملاش ھەققى ئۆلچىمىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسلانغاندا، «ئۆي بىلەن يەر بىر گەۋدە بولۇش»تەك تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن، يەنى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆي ۋە قۇرۇلۇش يېرىنى ئايرىم-ئايرىم تىزىملاش، ھەمدە ئىككى قېتىم ھەق ئېلىشتەك كونا تۈزۈم ئىسلاھ قىلىنىپ، بىر تۇتاش ھالدا بىر قېتىملا تىزىملاشقا ۋە پەقەت بىر قېتىملا تىزىملاش ھەققى ئېلىشقا بىرىكتۈرۈلىدىكەن.

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي, جامائەت ئىجارە تۇرالغۇسى, ئەرزان ھەم قولايلىق ئۆي ۋە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش-ئورۇنلاشتۇرۇش تۇرالغۇلىرىنىڭ ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىقلارغا قارىتا، مۇقىم مۈلۈكنى تىزىملىتىشنى بېجىرگەندە ھىچقانداق ھەق ئېلىنماسلىق يولغا قويۇلىدىكەن. تۇرالغۇ جاي تۈرىدىكى مۇقىم مۈلۈكنى تىزىملاش ھەققىنىڭ ئۆلچىمى ھەر بىرىگە 80 يۈەن، تۇرالغۇ جاي ھېسابلانمايدىغان تۈردىكى مۇقىم مۈلۈكنى تىزىملاش ھەققىنىڭ ئۆلچىمى 550 يۈەن بولىدىكەن. بەلگىلىمە بويىچە، بىر پارچىدىن مۇقىم مۈلۈك ھوقۇقى كىنىشكىسى تارقىتىلىدىكەن، ھەمدە مەزكۇر كىنىشكا ئۈچۈن تەننەرخ ھەققى ئېلىنمايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر