باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدىكى 183 كەسپىي جەمئىيەتلەر ۋە سودا جەمئىيەتلىرى مەمۇرىي ئورگانلاردىن قول ئۈزدى

2016.12.13 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كەسپىي جەمئىيەتلەر ۋە سودا جەمئىيەتلىرىنىڭ مەمۇرىي ئورگانلاردىن قول ئۈزۈش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى يېقىندا ئېچىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)دە تۇنجى تۈركۈمدىكى 183 نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئورۇن، كەسپىي جەمئىيەتلەر ۋە سودا جەمئىيەتلىرىنىڭ مەمۇرىي ئورگانلاردىن قول ئۈزۈشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، ئالاقىدار ئورۇنلار يانداش سىياسەت - تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزمەكتە ئىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 1536 كەسپىي جەمئىيەت ۋە سودا جەمئىيەتلىرى مەمۇرىي ئورگانلاردىن قول ئۈزۈشنى تاماملايدۇ. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار نۇقتىدا سىناق قىلىشقا قاتناشقان كەسپىي جەمئىيەتلەر ۋە سودا جەمئىيەتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ۋە تەرەققىي قىلىش غەيرىتىنى كۈچەيتىشىگە سىياسەت جەھەتتىن بەلگىلىك مەدەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، جايلار يېڭى تىپتىكى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، باشقۇرۇش جەھەتتىكى «ۋاكۇئۇم»لۇقنىڭ ۋە يىراقلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر