باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دەريا - ئېقىن باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش توغرىسىدا پىكىر»نى تارقاتتى

2016.12.13 14:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەر تەۋەلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە دەريا - ئېقىن باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا تارقاتقان «دەريا - ئېقىن باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئېلان قىلىندى، پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداش بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ، سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىن، ئوڭ - سول قىرغاق، ئوخشاش بولمىغان مەمۇرىي رايونلارغا چېتىلىدۇ.

  دەريا - ئېقىن باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى، ئېلىمىزنىڭ مۇرەككەپ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دەريا، كۆللەرنىڭ ساغلام ھاياتىي كۈچىنى قوغدايدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىرى، شۇنداقلا سۇ تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشى. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر دەريا - ئېقىن باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىپ ۋە ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە دەريا - ئېقىن باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىشى كېرەك.

  پىكىرگە ئاساسەن، ئېلىمىز ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك دەريا - ئېقىن باشلىقى سىستېمىسى ئورنىتىدۇ، ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەردە باش دەريا - ئېقىن باشلىقى تەسىس قىلىنىپ، باشلىقلىققا پارتكوم ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى تەيىنلىنىدۇ؛ ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) مەمۇرىي رايونلىرىدىكى ئاساسلىق دەريا، كۆللەرگە دەريا - ئېقىن باشلىقى تەسىس قىلىنىپ، باشلىقلىققا ئۆلكە دەرىجىلىك مەسئۇل يولداشلار تەيىنلىنىدۇ؛ دەريا، كۆل بار شەھەر، ناھىيە، يېزىلاردا دەرىجە، بۆلەكلەرگە ئايرىلىپ، دەريا - ئېقىن باشلىقى تەسىس قىلىنىپ، باشلىقلىققا تەڭ دەرىجىلىك مەسئۇل يولداشلار تەيىنلىنىدۇ. پىكردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دەريا - ئېقىن باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتا مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشى، جايلارنىڭ شەرت - شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر دەرياغا بىر تەدبىر، بىر كۆلگە بىر تەدبىرنى يولغا قويۇش كېرەك. سۇنى قانۇن بويىچە تۈزەش ۋە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قوغداش، نازارەت قىلىش، باھالاش ۋە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكاممۇللاشتۇرۇپ، جامائەت ئىشتراك قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، دەريا، كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ چىقىپ، ئاساسلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق جەمئىيەتكە دەريا - ئېقىن باشلىقى تىزىمىلىكىنى ئېلان قىلىپ، دەريا، كۆللەر قىرغىقىدىكى ئېنىق ئورۇنلارغا دەريا - ئېقىن باشلىقى ئېلان تاختىسى ئورنىتىپ، دەريا - ئېقىن باشلىقىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى، دەريا، كۆللەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، باشقۇرۇش، قوغداش نىشانى، نازارەت قىلىش تېلېفونى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەسكەرتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دەريا، كۆللەرگە بىرلىكتە كۆڭۈل بولۇش ۋە دەريا، كۆللەرنى قوغداشتەك ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  پىكردە مۇنۇلار تەكتىلەندى: باھالاش، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر خىل دەريا، كۆللەردە ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەرگە ئاساسەن، پەرقلىق نەتىجە - ئۈنۈم باھالاشنى يولغا قويۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نەتىجىسى، شۇنداقلا تۈزىتىش ئەھۋالىنى باھالاشنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك دەريا - ئېقىن باشلىقى مۇناسىپ دەريا، كۆللەرنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك دەريا - ئېقىن باشلىقلىرىنى باھالاشقا مەسئۇل بولۇپ، باھالاش نەتىجىسىنى شۇ جايدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۇنىۋېرسال باھالاشنىڭ مۇھىم ئىسپاتى قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ زىيانغا ئۇچراش جاۋابكارلىقىنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى زىيانغا ئۇچراتقانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەر يىلى 1 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇلتۇرقى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە مەلۇم قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر