باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئېلىكتىرىك ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش قوزۇقىدىن 120 مىڭنى قۇرۇپ چىقىدۇ

2016.12.12 18:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شۇ يىنبياۋ 11- دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا، ئېلېكترىك توك ئالماشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا توك قاچىلاش پونكىتىدىن 10 مىڭنى، زەرەتلەش ئورنىدىن 120 مىڭنى قۇرۇپ چىقىپ، بېيجىڭ, شاڭخەي, خاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە رادىئۇسى بىر كىلومىتىردىن ئېشىپ كەتمەيدىغان ئاممىۋى تېز زەرەتلەش تورىنى شەكىللەندۈرۈشنى پىلانلىدى.

  شۇ يىنبياۋ 11- دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن «2016- يىللىق جۇڭگو ئېلېكترىك ئاپتومۇبىل توكىنى ئالماشتۇرۇش- زەرەتلەش مۇلازىمىتى باشلىقلار مۇنبىرى»دە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئېلېكتر تورى ئۇل مۇئەسسەسسە قۇرۇلۇشىنى ئېلېكترىك ئاپتومۇبىللارنىڭ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ئالدىن پىلانلاشتا چىڭ تۇردى. «12- بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېي شەندوڭ رايونى ۋە چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەر ئارا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى تېز زەرەتلەش تورىنى قۇرۇپ چىقتى، قاپلانغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 11 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى؛ «13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، 36 مىڭ كىلومېتىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاپلىنىپ، توكلۇق ئاپتومۇبىللارنىڭ ھەممە يەردە قاتنىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىش پىلانلاندى.

  دۆلەت ئېنىرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلغا 107 مىڭگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %118 ئاشقان؛ بۇنىڭدىن باشقا خۇسۇسىيلارنىڭ ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش قوزۇقى ئومۇمىي سانى 170مىڭگە يەتكەن بولۇپ، بۇ ئېلىمىزنىڭ زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھەلەر تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر